مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خې يىچېڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 5- نۆۋەتلىك باش مەمۇر نامزاتىغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئېرىشتى

2019.08.26 16:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 5- نۆۋەتلىك باش مەمۇر سايلىمى 25- چېسلا ئۆتكۈزۈلدى. خې يىچېڭ بىردىنبىر نامزات بولۇش سۈپىتى بىلەن 392 ئاۋاز بىلەن ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 5- نۆۋەتلىك باش مەمۇرىنىڭ نامزاتى بولۇپ سايلاندى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا، سايلام ئارقىلىق بېلەت تاشلاش ئاۋمىن شەرقىي ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقە سارىيى خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، 400 نەپەر باش مەمۇر سايلام ھەيئىتىنىڭ ئەزالارنىڭ ھەممىسى نەق مەيدانغا كېلىپ ئىسىمسىز بېلەت تاشلىدى.

  ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ «مەمۇرىي باشلىق سايلىمى قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، سايلام ھەيئىتىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمى نەق مەيدانغا كېلىپ بېلەت تاشلىسا ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ؛ نامزاتلارنىڭ ئېرىشكەن ئاۋاز سانى سايلام ھەيئىتىنىڭ بارلىق ئەزاسىنىڭ يېرىمىدىن ئېشىپ كەتسە سايلانغان بولىدۇ.

  بىر سائەتتىن ئارتۇق بېلەت تاشلاش ۋە بېلەت ساناپ ھېسابلاش نەتىجىسىدە، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرىنى سايلاشنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇڭ مىنلى: خې يىچېڭنىڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 5- نۆۋەتلىك باش مەمۇر نامزاتى بولۇپ سايلانغانلىقىنى جاكارلىدى. خې يىچېڭ 392 ئاۋازغا ئېرىشىپ، %98 ئاۋازغا ئېرىشتى. سايلام باشقۇرۇش كومىتېتى، نامزاتلارنىڭ بېلەت نازارەتچىلىرى ۋە تاراتقۇلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا، پۈتكۈل سايلام جەريانى تەرتىپلىك بولدى.

  ئاۋمېن نېگىزلىك قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىي باشلىقىنى كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە مەمۇرىي باشلىق سايلام ھەيئىتى قانۇن بويىچە سايلاپ چىقىدۇ، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەيىنلىشى بىلەن ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدۇ. ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 5- نۆۋەتلىك مەمۇرىي باشلىقىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2019- يىلى 12- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 19- كۈنىگىچە بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ