مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

11-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئەل ئىچى سەنئەت بايرىمى باشلاندى

8-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ

2019.08.26 15:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-ئاۋغۇست كەچتە، 11-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئەل ئىچى سەنئەت بايرىمى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆكخوت شەھىرىدە باشلاندى، دۇنيانىڭ بەش قىتئەسىدىكى 13 دۆلەتتىن كەلگەن 600دىن ئارتۇق سەنئەتكار تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان خەلقئارا ئۇسلۇب ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە كاتتا كۆرەكنى تەقدىم قىلىدۇ.

  بۇ نۆۋەتلىك سەنئەت بايرىمىنى جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، سەنئەت بايرىمىنىنىڭ تېمىسى «دۇنيا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ <بىر بەلباغ، بىر يول» روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش؛ جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ ئەل رايى ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» بولۇپ، 8-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. سەنئەت بايرىمى مەزگىلىدە، جۇڭگو ۋە چەت ئەل سەنئەت ئۆمەكلىرى ۋە كۆكخوت شەھىرىدىكى نۇرغۇن يەرلىك سەنئەتكارلار كۆكخوتنىڭ خوشۇن، ناھىيە، رايونلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا كۆپ مەيدان ئويۇن قويىدۇ.

  جۇڭگو خەلقئارا ئەل ئىچى سەنئەت بايرىمى 1990-يىلى تەسىس قىلىنغان، ھەر ئۈچ يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدۇ، گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان، جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان ئېلىمىزدىكى بىردىنبىر چوڭ تىپتىكى خەلقئارالىق ئەل ئىچى سەنئەت بايرىمى بولۇپ، ھازىرغىچە 10 نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، تۇنجى نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان ھازىرغىچە جەمئىي بەش قىتئەدىكى 65 دۆلەت 162 ئەل ئىچى سەنئەت تەشكىلاتىدىن كەلگەن 3000 دىن ئارتۇق چەت ئەللىك سەنئەتكار جۇڭگوغا كېلىپ سەنئەت بايرىمىغا قاتناشتى، بىۋاسىتە كۆرگەنلەر نەچچە مىليونغا يەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «سەلتەنەتلىك 70 يىل. يېڭى دەۋرنى خاتىرىلەش ____ كۆكخوت شەھىرىنىڭ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش تېمىسىدىكى سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى» شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. كۆرگەزمىگە قويۇلغان 60 پارچە ئەسەر ئارقىلىق كۆكخوت شەھىرىنىڭ ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى يېڭى قىياپىتى، يېڭى نەتىجىسى، يېڭى كەيپىياتى ئومۇميۈزلۈك نامايەن قىلىندى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ