مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي بانكا ئېلان چىقىرىپ، شەخسلەر ئۈچۈن يېڭىدىن تارقىتىلىدىغان سودا خاراكتېرلىك قەرز پۇللارنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى سىياسىتى تەڭشىلىدۇ، دېدى

2019.08.26 15:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق بانكىسى 25- چېسلا ئېلان چىقىرىپ، بۇ يىل 10- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن باشلاپ، شەخسلەر ئۈچۈن يېڭىدىن تارقىتىلىدىغان سودا خاراكتېرلىك تۇرالغۇ قەرز پۇللارنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى يېقىنقى بىر ئايلىق مۇناسىپ قەرەلدىكى قەرز پۇل بازىرىدا باھا مەلۇم قىلىش ئۆسۈم نىسبىتى (LPR)نىڭ باھا بېكىتىش ئۆلچىمى بويىچە شەكىللىنىدۇ، دېدى.

  بۇ ئۆزگىرىش ئاساسلىقى شەخسلەر ئۈچۈن يېڭىدىن تارقىتىلغان قەرز پۇللارنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىگە قارىتىلغان بولۇپ، ھازىرقى شەخسلەر قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى يەنىلا ئەسلىدىكى توختام بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

  باھا بېكىتىش ئۆلچىمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، مەملىكەت مىقياسىدا يېڭىدىن تارقىتىلغان تۇنجى يۈرۈش شەخسىيلەر تۇرالغۇ قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى مۇناسىپ مۆھلەتتىكى LPR (8- ئاينىڭ 20- كۈنى بەش يىللىقتىن يۇقىرى بويىچە LPR %4.85 بولىدۇ)دىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك؛ 2- يۈرۈش شەخسلەر تۇرالغۇ قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى مۇناسىپ مۆھلەتتىكى LPR غا 60 ئاساسىي نۇقتا قوشۇشتىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك (8- ئاينىڭ 20- كۈنى بەش يىللىقتىن يۇقىرى بولۇش بويىچە LPR %5.45 بولىدۇ )، بۇ نۆۋەت ئېلىمىزنىڭ شەخسلەر تۇرالغۇ قەرز پۇلىنىڭ ئەمەلىي ئەڭ تۆۋەن ئۆسۈم نىسبىتى سەۋىيىسى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلق بانكىسىنىڭ تارماق ئاپپاراتلىرى ئۆلكە دەرىجىلىك بازارلارنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە باھا بېكىتىشتە تەلەپچان بولۇش مېخانىزمىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، شۇ جاينىڭ LPR تۆۋەن چېكىنى ۋاقتىدا بېكىتىدۇ. نۇقتا قوشۇشتىكى سانلىق قىممەت پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ۋە شۇ جاينىڭ تۇرالغۇ كرېدىت سىياسىتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى، قەرز پۇلنىڭ خەۋپ-خەتىرى ئەھۋالىنى گەۋدىلەندۈرۈشى، توختام مۇددىتى ئىچىدە ئۆزگەرمەسلىكى كېرەك. ئىسلاھاتتىن ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئاھالىلەر شەخسىي تۇرالغۇ قەرز ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا، ئۆسۈم چىقىمى ئاساسەن تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.

  نۆۋەتتە، قەرز پۇل بازىرىدا باھا مەلۇم قىلىش ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ بىر يىللىق ۋە بەش يىلدىن يۇقىرى دېگەندەك ئىككى خىل قەرەللىك تۈرى بار. ھەمدە بىر يىللىق ۋە بەش يىلدىن يۇقىرى بولغان شەخسىي تۇرالغۇ قەرز ئېلىش نىسبىتىنىڭ بىۋاسىتە ماس كېلىدىغان ئۆلچىمى بار، بىر يىللىق ۋە بەش يىلدىن يۇقىرى شەخسىي تۇرالغۇ قەرز ئېلىش نىسبەت ئۆلچىمىنى قەرز بەرگۈچى بانكا ئىككى مۇددەتلىك تۈر ئىچىدە ئۆز ئالدىغا تاللىسا بولىدۇ. پايدىلىنىش ئۆلچىمى بېكىتىلگەندىن كېيىن، نۇقتا قوشۇش سانلىق قىممىتىنى تەڭشەش ئارقىلىق، قەرەل ئۆسۈم پەرقى ئامىلىنى گەۋدىلەندۈرگىلى بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ