مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12-يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

دورا باشقۇرۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ۋە ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسىنىڭ كىشىلىك قەدىر-قىممەت ھوقۇقى لايىھەسى، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى لايىھەسى قاتارلىقلار داۋاملىق قاراپ چىقىلدى، ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ مەمۇرىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قانۇنى لايىھەسى تۇنجى قېتىم قاراپ چىقىلدى، لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى

2019.08.23 15:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12-قېتىملىق يىغىنى 22-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكى 166 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى سۇڭ بىننىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. تۈزىتىش لايىھەسىنىڭ 2-قېتىم قاراپ چىقىلغان ئورىگىنالىدا، دورىنى بازارغا سېلىش ئىجازىتىگە ئىگە بولغۇچىنىڭ دورا سۈپىتىگە بولغان سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، جۇڭيى دورىلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دورىلارنى پارچە سېتىش، زەنجىرسىمان تىجارەت قىلىشقا ئىلھام بېرىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر كۆپەيتىلىپ، ساختا دورا، ناچار دورىنىڭ دائىرىسى قايتىدىن بېكىتىلىپ ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق جازا بېرىش، دورا سۈپىتى جاۋابكارلىقىنى تۇنجى ئۈستىگە ئېلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى خۇ كېمىڭنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى، شەھەر ئۆي-زېمىن باشقۇرۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەدە باشقا جايدا بوزيەر ئېچىش، نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش، شۈدىگەرلەش قاتارلىق ئالاقىدار تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ تېرىلغۇ يەرنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، يەر ئېلىشقا بولىدىغان ئەھۋاللارغا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چەكلىمە قويۇپ، يەر ئېلىش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى تولۇقلاپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى جۇ گۇاڭچۈەننىڭ بايلىق بېجى قانۇنى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 2-قېتىم قاراپ چىقىلغان ئورىگىنالىدا ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان قىسمەن باج ئېتىبار سىياسەتلىرى كۆرسىتىپ ئۆتۈلدى؛ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خىزمەتكە ماسلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىىشى بەلگىلىنىپ، بايلىق بېجى ئېلىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، سۇ بايلىقى بېجىغا ئالاقىدار مەزمۇنلار مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

  ئاساسىي قانۇن قانۇن كومىتېتى يۇقىرىقى قانۇن لايىھەسىنى بىر قەدەر پىشىپ يېتىلدى دەپ قاراپ، بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىشىغا سۇنۇش تەكلىپىنى بەردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ