مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك مۇنبىرىنىڭ 2-مەيدان پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

بەش كارخانىچى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش نەتىجىلىرى ھەققىدە كەڭ كۇشادە پاراڭلاشتى

2019.08.23 15:37 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن 22-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم بىرلىكتە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك مۇنبىرىنىڭ 2-مەيدان پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ساھەسىدە مۇھىم رول ئوينايدىغان مەركەزدىكى نۇقتىلىق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئۈچ ئاساسلىق مەسئۇلى، دۇنيا پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇۋاتقان خەلق ئىگىلىكىدىكى كارخانىلاردىن ئىككى مەسئۇل كىشىنى تەكلىپ قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئالاقىدار ساھەلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئۈستىدە كەڭ-كۇشادە پاراڭلاشتى ھەمدە تور ئەھلى بىلەن توردا پىكىر ئالماشتۇردى.

  كارخانا ئىقتىسادنىڭ ئاساسى ۋە ئەڭ جانلىق ھۈجەيرىسى. زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى ئورنىتىشتىن دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشقىچە، ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇشتىن «سىرتقا چىقىرىش»تەك دۇنياۋى ئورۇنلاشتۇرۇشقىچە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان جان تىكىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو كارخانىلىرى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىدا ئىلگىرىلەش بولۇش ۋە ئىستىقبالى پارلاق بولۇشتەك جانلىق ئىپادىسىنى كۆرسەتتى. مۇنبەردە، بەش كارخانىچى نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار ۋە كەڭ تور ئەھلىگە ئۆز كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات جەريانىدىكى ئېسىل ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەردى .

  سىچۈەن يالۇڭجياڭ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ بىر ئىستاكان «ئىسلاھات سۈيى»، بىر ئىستاكان تازىلاشتىن ئۆتكەن ئېرخەي كۆلى «تىپ ئۆزگەرتىش سۈيى» __ دۆلەت تەرەققىيات مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ۋاڭ خۇيشېڭ «ئىككى ئىستاكان سۇ»نىڭ ھېكايىسى بىلەن دۆلەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىنىڭ دۇنياغا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئاجايىپ مۇساپىسىنى جانلىق بايان قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تۇنجى مەبلەغ سېلىش پاي كونترول شىركىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەت مەبلەغ سېلىش شىركىتى خەلق ئىگىلىكىدە مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشى، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە كاپىتال تىجارىتىنىڭ ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇردى. كەلگۈسىدە «گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، گۈللەنمە كەسىپلەرنى يېتەكلەش» ئىستراتېگىيەلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق «دۆلەت ئۈچۈن مەبلەغ سېلىش»ى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ