جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك مۇنبىرىنىڭ 2-مەيدان پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2019.08.23 15:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن 22-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم بىرلىكتە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك مۇنبىرىنىڭ 2-مەيدان پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ساھەسىدە مۇھىم رول ئوينايدىغان مەركەزدىكى نۇقتىلىق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىدىن ئۈچ كىشىنى، دۇنيا پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇۋاتقان پۇقراۋى كارخانىلاردىن ئىككى مەسئۇل كىشىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئالاقىدار ساھەلەردىكى تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئۈستىدە كەڭ-كۇشادە پاراڭلىشىشقا ھەمدە تور ئەھلى بىلەن توردا پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك مۇنبىرى جەمئىي ئالتە مەيدان پائالىيەت ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتنى خەلق تورى، شىنخۇا تورى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى ئۈستىگە ئالدى، ھازىر ئىككى مەيدان ئۆتكۈزۈلدى، قالغان پائالىيەتلەر 8- ئاينىڭ 28-كۈنى، 9-ئاينىڭ 4-كۈنى، 9-ئاينىڭ 11-كۈنى، 9-ئاينىڭ 19- كۈنى ئايرىم-ئايرىم ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ