مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن سىچۈەن ئابا ئوبلاستىدا 10 ئادەم قازا قىلدى، 27 ئادەم بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى

2019.08.23 15:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىچۈەن ئۆلكىسى ئابا ئوبلاستلىق جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ۋېنچۈەن ناھىيەسى سەنجياڭ بازىرىدىكى ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان بىر خادىمنىڭ قازا قىلغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن، 22-چېسلا سائەت 16 دىن 35 مىنۇت ئۆتكىچە، ۋېنچۈەندىكى «20-ئاۋغۇست» قاتتىق يامغۇر يېغىش، پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈن، لاتقا ئاپىتىدە 10 ئادەم قازا قىلغان، 27 ئادەم بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان.

  ۋېنچۈەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى تالاپەتكە ئۇچرىغانلار ۋە ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنى چېتىشلىق خادىملار ئۇچۇرى ۋە يىپ ئۇچى بىلەن پائال تەمىنلەشكە مۇراجىئەت قىلدى.

  ۋېنچۈەندىكى «20-ئاۋغۇست» كۈچلۈك يامغۇر، كەلكۈن، ھۆلچىلىك ئاپىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 20- ئاۋغۇست سائەت نۆلدىن باشلاپ، ۋېنچۈەن ناھىيەسىدە ئومۇميۈزلۈك قارا يامغۇر يېغىپ، ئەڭ كۆپ يامغۇر مىقدارى 65 مىللىمېتىرغا يەتكەن، 22 خەتەرلىك رايوندا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، سەككىز يېزا-بازاردا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈن، لاتقا ئاپىتى يۈز بەرگەن. ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئابا ئوبلاستى دەرھال خادىملارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، گېڭدا بازىرى، شۈيمو بازىرى، سەنجياڭ بازىرى، يىنشىڭ يېزىسى، ميەنجىن بازىرى قاتارلىق جايلاردىكى ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان ۋە قاپسىلىپ قالغانلارنى نۇقتىلىق ئىزدەپ قۇتقۇزدى، ئىزدەپ قۇتقۇزۇشتا چالا قالغان جايلارنى ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىپ، بىر ئائىلە، بىرمۇ ئادەمنى چۈشۈرۈپ قويماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ