مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2019-يىللىق مەملىكەتلىك چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانى 26-ئۆكتەبىردىن 27-ئۆكتەبىرگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ

2019.08.23 15:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى 22-ئاۋغۇست ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2019-يىللىق مەملىكەتلىك چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئورۇنلاشتۇردى. بۇ ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، 2019-يىللىق مەملىكەتلىك چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىنى 26-ئۆكتەبىردىن 27- ئۆكتەبىرگىچە ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار ۋە ئالىي مەكتەپلەر ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا بىرلەشتۈرۈپ ئۆز رايونى، ئۆز ساھەسىنىڭ چوڭلار ئالىي مائارىپ ئېھتىياجىنى تەھلىل قىلىش ۋە مۆلچەرلەشنى كۈچەيتىپ، مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى، تىزىملاتقان ئادەم سانى ۋە 2019-يىلى ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرگە مىليون ئوقۇغۇچىنى كۆپەيتىپ قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئامىللارنى ھەر تەرەپلىمە ئويلىشىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كەسپىي قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ئىشلەپچىقىرىشتىن ئايرىلىش، ئىشتىن سىرتقى، سىرتتىن ئوقۇتۇش قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئۆگىنىش شەكلى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەنبەسى پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جايلار دۆلەت مائارىپ بىرتۇتاش ئىمتىھانى خىزمىتى مىنىستىرلىقلار بىرلەشمە يىغىنى مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىرلەشمە مۇداپىئە كۆرۈش، بىرلەشمە باشقۇرۇش، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىمتىھان تور مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش، ساختىلىق قىلىش سايمانلىرىنى سېتىشقا زەربە بېرىش، ئىمتىھان نۇقتىسى ئەتراپىدىكى مۇھىتنى ساپلاشتۇرۇش، ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىشقا زەربە بېرىش، ئىمتىھانغا چېتىشلىق تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ۋە ئىمتىھان ۋاسىتىچىلىرىنى ئېنىقلاش، تەرتىپكە سېلىش قاتارلىق مەخسۇس ھەرىكەتلەرنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، ئىمتىھان مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ