گەنسۇ ئاقساي: كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ماكانىنى قوغداش كېرەك

2019.08.23 14:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- ئاينىڭ 22- كۈنى، گەنسۇنىڭ ئاقساي ئالتىڭ يېزىسىدا سۈرەتكە ئېلىنغان دۆلەتلىك 2- دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان- ئېگىز تاغ بۆكىنى. گەنسۇنىڭ جىيۇچۈەن شەھىرى ئاقساي قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى بولسا، چىليەنشەن تېغىنىڭ غەربىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇ جايدا ياۋا قوتاز، ياۋا تۆگە، تىبەت بۆكىنى، ئارقار، يىلپىز قاتارلىق نەچچە ئون خىل ياۋايى ھايۋان مۇشۇ يەردە ياشايدۇ ۋە كۆپىيىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ناھىيە تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى قۇتقۇزۇش پونكىتى تەسىس قىلىش، ئوتلاقتا چارۋا بېقىشنى مەنئى قىلىش، چارۋا ماللارنى ئازايتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش، قانۇنسىز ئوۋ ئوۋلىلاشنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، چېگرا ئىچىدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ياۋايى ھايۋانلار توپىنىڭ سانىنى تەدرىجىي كۆپەيتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ