ماشىنا ئادەم «قەھرىمانلار يىغىنى»

2019.08.22 16:54 مەنبە: خەلق تورى

  «بويۇم كىچىك، لېكىن مەن ناھايىتى روھلۇق» −− دۇنيا ماشىنا ئادەم كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلىنغان ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان كىچىك تىپتىكى ماشىنا ئادەم (8-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ماشىنا ئادەم كۆرگەزمىسىدە، نۇرغۇن ماشىنا ئادەملەر يىغىلىپ مەيدانغا چىقىپ، بىر مەيدان ماشىنا ئادەم «قەھرىمانلار يىغىنى» نى نامايان قىلدى. بۇ قېتىمقى دۇنيا ماشىنا ئادەم كۆرگەزمىسى 2019-يىللىق دۇنيا ماشىنا ئادەم يىغىنىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، سانائەت ماشىنا ئادىمى، مۇلازىمەتچى ماشىنا ئادەم، ئالاھىدە ماشىنا ئادەم، ئەشيا ئوبوروتى ماشىنا ئادىمى قاتارلىق كۆرگەزمە رايونلىرىدىن تەركىب تاپقان، 180دىن ئارتۇق ماشىنا ئادەم ساھەسىدىكى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق كارخانىلار ۋە پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ تېخنىكا نەتىجىلىرى، ئەمەلىي مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ