خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ئابا ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئورگان بىلوگى خەۋىرى: ۋېنچۈەن ناھىيەلىك جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ يازما دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئاپەتتە قازا قىلغۇچىدىن بىرى (ۋېنچۈەن ناھىيەسى شۈيمو كەنتىدىن)، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغۇچىدىن يەنە توققۇزەيلەن كۆپەيگەن (ۋېنچۈەن ناھىيەسى سەنجياڭ بازىرىدىن).
ھازىرغىچە ئاپەت سەۋەبىدىن ئوبلاستىمىزدا جەمئىي توققۇز ئادەم قازا قىلدى (ۋېنچۈەندىكى بىر مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى قازا قىلدى، شۈيمو بازىرىدا ئۈچ ئادەم قازا قىلدى، سەنجياڭ بازىرىدا تۆت ئادەم قازا قىلدى، ميەنسى بازىرى ساۋپو رايونىدا بىر ئادەم قازا قىلدى)، 35 ئادەم بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى (ۋولۇڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا توققۇز ئادەم بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى، ۋېنچۈەن ناھىيەسى سەنجياڭ بازىرىدا 15 ئادەم بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى، ميەنشى بازىرىدا تۆت ئادەم بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى، يىنشىڭ يېزىسى تەۋەسىدىكى تەيپىڭيى ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا ئىككى ئادەم بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى، ميەنسى بازىرى ساۋپو رايونىدىكى تاڭفاڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا ئىككى ئادەم بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى، شۈيمو بازىرىدا ئۈچ ئادەم بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى)، ئالتە ئادەم يارىلاندى (بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ ئادەمنىڭ يارىسى ئېغىر).
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ