سىچۈەن ئۆلكىسى ۋېنچۈەن ناھىيەسى گېڭدا بازىرى لۇڭتەن كەنتىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان نەق مەيدان

2019.08.22 16:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 20-كۈنى، قاتتىق يامغۇرنىڭ تەسىرىدە، سىچۈەن ئابا ئوبلاستى ۋېنچۈەن ناھىيەسى تەۋەسىدىكى ھەر قايسى يېزا-بازارلاردا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تاغ گۈمۈرۈلۈش، لاي-لاتقىلىق ئېقىن يۈز بېرىپ، قىسمەن يول، ئۆيلەرنى سۇ بېسىپ كەتتى. مۇخبىر گېڭدا بازىرى لوڭتەن كەنتىدە 100گە يېقىن شەخسىي ئاپتوموبىلنىڭ كەلكۈننىڭ ئېقىتىشى بىلەن بىر يەرگە يىغىلىپ قالغانلىقىنى، كەنتتىكى زىرائەتلەرنى سۇ بېسىپ كەتكەنلىكىنى، 1-قەۋەتتىكى ئۆيلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى سۇ بېسىپ كەتكەنلىكىنى سۈرەتكە ئالدى، پۈتۈن كەنت ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ