مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كەپە ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش بويىچە ئالدىنقى يەتتە ئايدا تەخمىنەن 2 مىليون 70 مىڭ يۈرۈش ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى

بۇ يىللىق نىشان ۋەزىپىنىڭ %71.6 ىنى ئىگىلەيدۇ

2019.08.22 16:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21- ئاۋغۇست، تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىش پىلانىدا يېڭىدىن 2 مىليون 890 مىڭ يۈرۈش قۇرۇلۇشتا ئىش باشلانغان، 1-ئايدىن 7- ئايغىچە تەخمىنەن 2 مىليون 70 مىڭ يۈرۈش قۇرۇلۇشتا ئىش باشلانغان بولۇپ، بۇ يىللىق نىشان ۋەزىپىنىڭ %71.6 ىنى ئىگىلەپ، 600 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش تاماملانغان.

  بۇ يىل − ئۈچ يىللىق كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىش جېڭى پىلانىنىڭ ئىككىنچى يىلى. 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا، 2018-يىلىدىن 2020- يىلىغىچە بولغان ئۈچ يىللىق كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىش جېڭى پىلانىنى يولغا قويۇش، يەنە 15 مىليون يۈرۈش كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىپ، تەخمىنەن 100 مىليون ئادەم ئولتۇراقلاشقان شەھەر- بازارلاردىكى كەپە ئۆي رايونى ۋە شەھەردىكى كەنتلەرنى ئۆزگەرتىش ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بېكىتىلدى. بۇلتۇر مەملىكەت بويىچە 6 مىليون 260 مىڭ يۈرۈش كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىنىپ، يىللىق نىشان-ۋەزىپىلەر ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ، 1 تىرىليون 740 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى.

  كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىش داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كەپە ئۆي رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ شارائىتى ياخشىلاندى. 2008-يىلىدىن 2018- يىلىغىچە، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 45 مىليون 220 مىڭ يۈرۈش كەپە ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى، 100 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالە «كەپە ئۆيدىن بىناغا چىقىش»نى ئىشقا ئاشۇردى. كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىش يەنە ئورمان رايونى، بوز يەر رايونى، دۆلەت ئىلكىدىكى زاۋۇت-كانلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئورمان رايونى، بوز يەر رايونى، دۆلەت ئىلكىدىكى زاۋۇت- كان كەپە ئۆي رايونى (خەتەرلىك، كونا ئۆي) نى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا جەمئىي 1 مىليون 660 مىڭ يۈرۈش، 2 مىليون 420 مىڭ يۈرۈش، 3 مىليون 60 مىڭ يۈرۈش قۇرۇلۇشتا ئىش باشلاندى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر نەم، قاراڭغۇ كەپە ئۆي رايونى، ئاددىي ئۆيلەر بىلەن خوشلىشىپ، ئازادە، يورۇق، ئۇل ئەسلىھەلىرى تېخىمۇ مۇكەممەل يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ