مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى 2020-يىلىغا بارغاندا، بارلىق تەبىئىي ئورمانلارنىڭ قوغدىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى (70 يىلغا مەدھىيە)

2019.08.22 15:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-ئاۋغۇست، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 2020-يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىزدە بارلىق تەبىئىي ئورمانلارنىڭ قوغدىلىپ، تەبىئىي ئورمانلارنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى تۈرلۈك تۈزۈملەر ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئېلىمىزدە بىر تەرەپتىن تەبىئىي ئورماننى قوغداش سالمىقى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلسا، يەنە بىر تەرەپتىن زور كۈچ بىلەن ئورمان بىنا قىلىندى، بىنا قىلىنغان ئورمان كۆلىمى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. 2018-يىلى، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 7 مىليون 74 مىڭ گېكتار ئورمان بىنا قىلىندى، 8 مىليون 519 مىڭ گېكتار ئورمان پەرۋىش قىلىندى، 6 مىليون 660 مىڭ گېكتاردىن ئارتۇق ئوتلاق تىزگىنلەندى، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشتە ئۈزلۈكسىز ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيە ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ