«جېدەل قىلمىسىمۇ تۆلەم بېرىلىدۇ»، «جېدەل چىقارسىمۇ تۆلەم بېرىلمەيدۇ»:

مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش تارماق ھۆججەت تارقىتىپ «مەكتەپتە جېدەل چىقىرىش»نى تۈزەيدۇ

2019.08.21 16:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 20-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىدا سۈرەتكە تارتىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانى.

  شۇ كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش تارماق بىرلىكتە «بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ، ئوقۇتۇش تەرتىپىنى قوغداش توغرىسىدىكى پىكىر» نى ئېلان قىلىپ، «مەكتەپتە جېدەل چىقىرىش» سەككىز خىل قىلمىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كۆپ تارماقلار ماسلاشقان خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك ھادىسىسى ماجىرالىرىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، «مەكتەپتە جېدەل چىقىرىش» قىلمىشىغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ