مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ھاياتلىقنىڭ مەنبەسىدىن باشلايلى»

3 – قېتىملىق مەملىكەت بويىچە مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنىنىڭ باش تېمىسى ئېلان قىلىندى

2019.08.21 15:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21 – ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسى 8 – ئاينىڭ 20 – كۈنى بېيجىڭدا مەملىكەت بويىچە مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 8 – ئاينىڭ 25 – كۈنىدىكى 3 – قېتىملىق مەملىكەت بويىچە مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنىنىڭ باش تېمىسىنىڭ «مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ھاياتلىقنىڭ مەنبەسىدىن باشلايلى» ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

  جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى جيا يۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنى تۇغۇلۇشتىكى كەمتۈكلۈك ۋە يېتىلىشى توسالغۇغا ئۇچراشتىن بولغان مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى چۆرىدەپ، تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار، ھامىلدار ئاياللار ۋە بالىنىڭ ئاتا – ئانىسى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق كىشىلەر توپى قىلىپ، ئۆيلىنىشتىن ئىلگىرىكى، ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتىشنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى ئىلغاپ تەكشۈرۈش، دىياگنوز قويۇشنى ياخشى قىلىپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ۋە بالىلارنى بالدۇر تەكشۈرۈش ۋە بالدۇر ئارىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھاياتلىقنىڭ مەنبەسىدىن مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ياخشى قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنى تەشۋىق – تەربىيە پائالىيىتىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسى قاتارلىق 16 تارماق بىرلىشىپ «3 – قېتىملىق مەملىكەت بويىچە مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈنى تەشۋىق - تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»ىنى تارقىتىپ، 20دىن ئارتۇق ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، شەھەر)دە لېكسىيە سۆزلەش، مۇتەخەسسىسلەر خالىس كېسەل كۆرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىدىكەن ۋە يەرلىكتىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىدا مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاممىۋى پاراۋنلىق تەشۋىقات فىلىمى قويىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ