چۇڭچىڭدا ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئىشقا تەكلىپ قىلىش مەخسۇس يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2019.08.21 15:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئىشقا تەكلىپ قىلىش مەخسۇس يىغىنىنىڭ 8- ئاينىڭ 20 ـ كۈنى سۈرەتكە ئېلىنغان نەق مەيدان كۆرۈنۈشى. شۇ كۈنى، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىش 2019- يىللىق ھەپتىلىك پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ۋە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەنلەرنى ئىشقا تەكلىپ قىلىش مەخسۇس يىغىنى چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت كەسىپ باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، 200دىن ئارتۇق كارخانا مەيدانغا كىرىپ قوبۇل قىلىشقا قاتناشتى، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن 4000دىن ئارتۇق كىشى ۋە نەپىقە ئوبيېكتلىرى مەيدانغا كىرىپ خىزمەت ئىزدىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ