مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: تاشقى كۈچلەرنىڭ رۇسىيەدە شۇغۇللىنىۋاتقان شۇملۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شياڭگاڭدا قىلغان-ئەتكەنلىرى ئوپ-ئوخشاش

2019.08.21 15:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 20- چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بەزى تاشقى كۈچلەرنىڭ رۇسىيەدە شۇغۇللىنىۋاتقان شۇملۇق ھەرىكەتلىرى ئۇلارنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە جۇڭگو شياڭگاڭ ۋەزىيىتىدە قىلغان-ئەتكەنلىرى بىلەن بىر قېلىپتىن چىققان ھەرىكەتلەردۇر، ئۇلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشتىكى بۇ خىل تىپىك قىلمىشلىرى دەل زومىگەرلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر.

  شۇ كۈندىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، موسكۋادا يېقىندا بىر قاتار نامايىشلار يۈز بەرگەن. ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ھۆكۈمەت تورىدا بايانات ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا، رۇسىيە تەرەپ پۇقرالارنىڭ ئەركىن ۋە ئادىل سايلام ئارقىلىق تىنچ يىغىلىش ئۆتكۈزۈشى ۋە ئاساسىي ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى داۋاملىق چەكلەپ تۇردى، دېيىلگەن، ھەمدە موسكۋا نامايىشىنىڭ يول خەرىتىسىنى تورغا چاپلاپ، نامايىش قىلىش نۇقتىسىنى كۆرسەتكەن. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى زاخاروۋا بۇنىڭغا قارىتا ئىپادە بىلدۈرۈپ، بىزدە ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ رۇخسەتسىز يىغىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپات بار، دېگەن. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو رۇسىيەنىڭ مەيدانىغا چوڭقۇر ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئۇنى ئېتىراپ قىلىدۇ. يېقىندا موسكۋادا كۆپ قېتىم قانۇنسىز نامايىشلار يۈز بەردى، رۇسىيە ھۆكۈمىتى تەدبىر قوللىنىپ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىدى، بۇنىڭ تولۇق قانۇنىي ئاساسى بار. كىشىنى خاتىرجەمسىزلەندۈرىدىغىنى شۇكى، بەزى غەرب دۆلەتلىرى بۇ چاغدا سەكرەپ چىقىپ قول شىلتىپ، ئۇششاق-چۈشەك ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى. رۇسىيە تەرەپ ئېيتقاندەك، ئۇلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشتىكى بۇ خىل تىپىك قىلمىشلىرى دەل زومىگەرلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر.گېڭ شۇاڭ يەنە مۇنداق دېدى: بەزى تاشقى كۈچلەرنىڭ رۇسىيەدە شۇغۇللىنىۋاتقان شۇملۇق ھەرىكەتلىرى ئۇلارنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە جۇڭگو شياڭگاڭ ۋەزىيىتىدە قىلغان-ئەتكەنلىرى بىلەن ئوپ-ئوخشاش.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ