مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا قاراشلىق كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنى ئېچىلدى

2019.08.21 14:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتى 20- چېسلا بېيجىڭدا مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا قاراشلىق كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنى ئاچتى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا قاراشلىق كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا خىلاپ تىپىك دېلو مىساللىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا قاراشلىق كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ پارتىيە ئىستىلى ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشى بولسا، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئوبرازىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇنىڭدا، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسىلىسىدە، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا قاراشلىق كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئورگان ئاپپاراتلىرى بىلەن ئىككى ئۆلچەم تۈزسە بولمايدۇ. قاتتىق بولۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆرۈنمەس رايوندا ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرماي، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، بوشاشماي دائىم چىڭ تۇتۇش كېرەك. تارماقلار چوقۇم ئۆزىگە قاراشلىق كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىبرەت تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پاكلىق جەھەتتىكى خەۋپ-خەتەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تۈزۈم ئورنىتىپ، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان، چىرىكلىشىشنى خالىمايدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزمنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ