مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى: ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنىدىغان يېرىگە "دورا ئەمەس" دەپ بەلگە قويۇش كېرەك

2019.08.21 14:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى «ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىگە ئاگاھلاندۇرۇش سۆزلىرى بەلگىلەش كۆرسەتكۈچى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «كۆرسەتكۈچ» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە ئۇنىڭ تىجارەتچىلىرىدىن ئۇنداق ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ بەلگە قويۇلىدىغان مەخسۇس يېرىگە «بۇ پەقەت ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىدۇر، دورا ئەمەس، دورا ئورنىدا كېسەل داۋالاشقا بولمايدۇ» دېگەندەك مەزمۇنلارنى ئېنىق كۆرسىتىپ يېزىپ قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ «كۆرسەتكۈچ»نىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشىدا كارخانىلارنىڭ بۇ ھەقتە تەنتەنىلىك بايانات ئېلان قىلىپ، ئاممىنىڭ بىلىپتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشىنى ۋە ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە دورا ئەمەسلىكىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ساغلاملىق يېمەكلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ساختىلىق بىلەن چوڭايتىپ، كېسەل داۋالاش ئىقتىدارى بار، دەپ ساختا تەشۋىق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش مەقسەت قىلىنغان.

  بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ بەلگىلىك ئورنىغا ئاگاھلاندۇرۇش سۆزىنى قوشۇش بولسا، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ساھەسىنى ئېنىقلاش ۋە تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، كارخانىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، سەمىمىي بولۇش ۋە تەلەپچان بولۇش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىستېمالچىلارغا مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلىشقا پايدىلىق؛ سودىگەرلەرنىڭ بازار باشقۇرۇشتىكى غەيرى ھەرىكىتىنى چەكلەپ، ئۇلارنىڭ سەمىمىي ھالدا پۇل تېپىشىغا پايدىلىق؛ ئىستېمالچىلارنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقىنى قوغداپ، ئىستېمالنى تېخىمۇ ئاقىلانە تاللاشقا پايدىلىق.

  «كۆرسەتكۈچ»تە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ئەمەلىيەتتە دورا ئەمەس، دورا ئورنىدا كېسەل داۋالاشقا بولمايدۇ» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇش سۆزلىرى يېزىلىدىغان رايون چوقۇم سېتىلىدىغان ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنىڭ ئەڭ كىچىك ئورالما (بولاقلار)نىڭ ئاساسلىق كۆرگەزمە تاختىسىدا بولۇشى، ئۇ ئاگاھلاندۇرۇش سۆزلىرى ئىگىلىگەن جاينىڭ كۆلىمى بۇ ئورالمىنىڭ %20ىدىن كىچىك بولماسلىقى، قارا ھەرپ بىلەن يېزىلىشى كېرەك.

  «كۆرسەتكۈچ»تە يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ماركىسىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە «سۈپەت كاپالەت مۇددىتى XXXX يىلى XX ئاينىڭ XX كۈنىگىچە» دېگەن شەكىلدە يېزىلىپ سۈپەت كاپالەت مۇددىتى ئېنىق بەلگىلەنگەن، ھەمدە سۈپەت كاپالەت مۇددىتىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدىغان قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنىڭ تاللاپ سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىپ، كارخانىنىڭ بۇ جەھەتتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  بۇنىڭدىن باشقا، «كۆرسەتكۈچ» يەنە كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى تاللاپ سېتىۋېلىشىدا مەھسۇلات ئورالمىسىدىكى ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى بەلگىسى (يەنى كۆك بۆك) ۋە ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى تەستىق نومۇرى قاتارلىقلارنى توغرا تونۇپ، ماركا چۈشەندۈرمىسىدىكى تەلەپ ۋە چەكلىمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇلار ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى سېتىۋېلىشتا چوقۇم مۇنتىزىم سودا سارىيى، تاللا بازىرى ۋە دورىخانا قاتارلىق تىجارەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ سېتىۋېلىشى ھەمدە تالون ياكى سېتىش ئىسپاتى ئېلىشى كېرەك.

  ئىگىلىنىشىچە، «كۆرسەتكۈچ» 2020- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ