جۇڭگو ساياھەتچىلىرى تۈنۈگۈن لائوستا ئېغىر قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ لائوستىكى باش ئەلچىخانىسى، كونسۇلخانىلىرى دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىدى.
شۇ جاي ۋاقتى تۈنۈگۈن سائەت 15 يېرىمدا، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان بىر ساياھەت ئاپتوبۇسى لائوسنىڭ شىمالىدىكى لوئاڭ پىراباڭ شەھىرىگە 40 كىلومېتىرچە كېلىدىغان جايدا ئېغىر قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىدى. خەۋەرنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ لائوستىكى باش ئەلچىخانىسى ۋە لوئاڭ پىراباڭدىكى باش كونسۇلخانىسىنىڭ بىرلەشمە جىددىي مېخانىزمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، جۇڭگونىڭ لوئاڭ پىراباڭدىكى باش كونسۇلى لى جىگۇڭ جىددىي ئەھۋال گۇرۇپپىسىنى باشلاپ ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا قاراپ يولغا چىقتى ھەم شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت 20 ئەتراپىدا يېتىپ بېرىپ، لائوس ھەربىي، ساقچىلىرى ۋە شۇ جايدىكى قۇتقۇزۇش كۈچلىرىنىڭ خىزمەتلىرىگە ماسلاشتى.
قۇتقۇزۇش نەق مەيدانىدىن كەلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، ئاپتوبۇستا 46 ئادەم بار ئىكەن، بۇنىڭ 44 ى جۇڭگو پۇقراسى، ئىككىسى لائوسلۇق ئىكەن. بۈگۈن سەھەرگىچە، جۇڭگو پۇقراسىدىن سەككىزى قازا قىلغان، 29 ى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان، بىرسى يوقاپ كەتكەن، ئالتىسى قامىلىپ قالغان، قۇتقۇزۇش خىزمىتى يەنىلا جىددىي ئىشلەنمەكتىكەن.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ