«جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ شېنجېننىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئالدىن ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشىنى قوللاش ھەققىدىكى پىكرى» ئۈلۈشكۈن ئېلان قىلىندى. ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوندىن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئالدىن ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشقىچە-ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ مۇھىم كۆزنىكى بولغان شېنجىن يېڭى دەۋردە يېڭى بۇرچقا ئىگە بولدى.
پىكىردە، شېنجېنغا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى ئالىي ئورۇن، قانۇنچىل شەھەرلەرنىڭ ئۈلگىسى، شەھەر مەدەنىيلىكنىڭ نەمۇنىسى، خەلق تۇرمۇشى بەختىنىڭ ئۆلچىمى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنىڭ ئاۋانگارتىدىن ئىبارەت يېڭى دەۋردىكى بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كەلگۈسىدىكى شېنجېن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ شەھەرلەر ئۈلگىسىگە ئايلىنىدۇ. پىكىرگە ئاساسەن، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، شېنجىن رىقابەت كۈچى، يېڭىلىق يارىتىش كۈچى، تەسىر كۈچى ئالاھىدە بولغان يەر شارىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە شەھەرگە ئايلاندۇرۇلىدۇ. كەلگۈسىدىكى شېنجېن تېخىمۇ كۆپ مۇھىم تەرەققىيات ۋەزىپىلىرىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
پىكىرنىڭ ئېلان قىلىنىشى-شياڭگاڭدىمۇ كەڭ دىققەتنى قوزغىدى. ھەر ساھە ئەربابلىرى شياڭگاڭ بۇ قېتىمقى تەرەققىياتنىڭ ئالتۇن پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك دەپ قارىدى.
شياڭگاڭ سەرخىللار ئۇيۇشمىسى ئىجتىمائىي خەلق تۇرمۇشى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى گاۋ سۇڭجيې مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم مۇشۇنداق بىر ئېتىبار سىياسىتىنىڭ چىقىرىلىشى مۇھىم بەلگە بولدى، بۇ-بىزنىڭ يۇغۇرۇلۇشىمىزنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ شۇنداقلا شياڭگاڭ ياشلىرىنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىغا يۇغۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياردەم بېرەلەيدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ