شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتە، ئەنگىلىيەنىڭ لوندوندىكى تېرافالگار مەيدانى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق دېڭىزىغا ئايلاندى. ئەنگىلىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مىڭلىغان جۇڭگو چياۋمىنلىرى، جۇڭگولۇقلار ۋە جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار شۇ كۈنى لوندون شەھەر مەركىزىدىكى جۇڭگو شەھەرچىسى مەيدانىدا ئۆزلىگىدىن يىغىلىپ، يول بويى نامايىش قىلىپ ترافالگار مەيدانىغىچە بېرىپ «زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ، شياڭگاڭنى قۇتقۇزۇش» تىنچلىق يىغىلىشى ئۆتكۈزدى.
يىغىلىشقا قاتناشقۇچىلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياڭراق دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە جۇشقۇن روھ بىلەن دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ ۋەتەننى سۆيىمىز، شياڭگاڭنى سۆيىمىز دەپ شوئار توۋلاپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى، شياڭگاڭ ساقچىلىرىنىڭ قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشىنى قوللايدىغانلىق، زوراۋانلىق كۈچلىرىگە قارشى تۇرىدىغانلىق يۈرەك ساداسىنى بىلدۈردى.
لوندون خۇابۇ سودا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دېڭ جۇتىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يىغىلىش ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت «شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى» تەشكىلاتىنىڭ پىتنە ئىغۋالىرىغا رەددىيە بېرىپ، تاشقى ساھەگە ھەقىقى ئەھۋالنى ئېيتىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شياڭگاڭ ھۆكۈمىتىنى قوللاش،زوراۋانلىق كۈچلىرىگە قارشى تۇرۇش سادامىزنى ئىپادىلەش.
شياڭگاڭ شىنجې كېڭەش ئىدارىسى چەتئەل مەسىلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ شۈيشېڭ مۇنداق دېدى: شياڭگاڭ جۇڭگونىڭ زېمىنى، ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەن 22 يىلدىن بۇيان، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» سىياسىتى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. مەن شياڭگاڭدا زوراۋانلىق مالىمانچىلىقنى پەيدا قىلىۋاتقان پەردە ئارقىسىدىكى قاتىلنى تېزدىن جازالاپ ۋە تىزگىنلەپ، زوراۋانلىق، مالىمانچىلىقنى توسۇپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ