ئىككى كۈن داۋاملاشقان 39 - نۆۋەتلىك جەنۇبىي ئافرىقا قىتئەسى تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى باشلىقلار يىغىنى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى تانزانىيەدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر دارېسسالامدا يېپىلدى.يىغىندا ئاخبارات ئېلان قىلىنىپ،جەنۇبىي ئافرىقا قىتئەسى ئورتاق گەۋدىسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ، رايون خەۋپسىزلىكى خىرىسىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى مۇراجىئەت قىلىندى .
ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى : جەنۇبىي ئافرىقا قىتئەسى ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى شۇنى تونۇپ يەتتىكى رايون بىخەتەرلىكى مەسىلىسى بولۇپمۇ تېررورلۇق ۋە دۆلەت ھالقىغان جىنايەت ھازىر رايون تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ھەرقايسى دۆلەتلەر بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ، رايون ئىچىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە ھەرىكەت پىلانىنى بالدۇرراق تۈزۈپ يولغا قويۇشقا جىددي ئېھتىياجلىق. ھەرقايسى دۆلەتلەر دېڭىز ئۈستى جىنايەتچىلىرىگە بىرلىشىپ زەربە بېرىپ ، دېڭىز قاراقچىلىرى ۋە دېڭىزدىكى زەھەر ، قورال - ياراغ ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق دۆلەت ھالقىغان قانۇنسىز قىلمىشلارنى توسۇش جەھەتتە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ .
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ