مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركەز «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 1-تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش چىقاردى

2019.08.21 13:58 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  يېقىندا، مەركەز «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «1-تۈركۈمدىكى <ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، 1پۈتۈن پارتىيەدە <ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئىدىيەسىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ نىشان ۋەزىپىسى ۋە نۇقتىلىق تەدبىرلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، 1-تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى باھالاش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: باش تېما تەربىيەسىنى باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش «ئەسلى مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، بۇرچىنى زېممىسىگە ئېلىپ، پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش» باش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ كونكىرت تەدبىرى، ئېچىۋېتىپ تەربىيەلەش، خەلق ئاممىسىنىڭ نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىقلىق بىلەن قۇبۇل قىلىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلۈشى، باش تېمىلىق تەربىيەنىڭ تەجىربىلىرىنى يەكۈنلەش، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋاستىسى. ئىدىيەۋى تونۇشنى چىڭ تۇتۇش جايىدا بولۇش، مەسىلىنى كۆزىتىش جايىدا بولۇش ، تۈزىتىشنى چىڭ تۇتۇش جايىدا بولۇش ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى چىڭ تۇتۇش جايىدا بولۇش تەلىپىنى چىڭىتىپ، جەريانىنى باھالاشنى نەتىجىنى باھالاش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئامما باھالاش، ئەمەلىيەت ئارقىلىق تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، بولۇپمۇ ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆلچەم قىلىپ، باھالاش نەتىجىسىنىڭ ئوبېكتىپ ھەقىقىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: باھالاش خىزمىتىنى ئاساسلىقى مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ھەر قايسى كەسىپى سېستىمىلارنىڭ سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى كونكىرت تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ، ئۆگىنىش، تەربىيەلەش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى كۆزىتىش، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەشكىلىي رەھبەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردە كۈندۈلۈك ھەيدەكچىلىك قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئىگىلەش ئاساسىدا، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىش، ئىختىيارىي تەكشۈرۈپ باھالاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنىڭ باھاسىنى ئىگىلەپ، ھەر تەرەپلىمە ھۆكۈم چىقىرىپ ئومۇميۈزلۈك باھالاش كېرەك. رايونلار، تارماقلار ھەر قايسى ئورۇنلار ئۇقتۇرۇشنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، نازارەت، ئىدارە دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنى بىرلىك قىلغان ھالدا ئۆز ئۆزىنى تەكشۈرۈپ باھالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ