مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ياپونىيەنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى: ياپونىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق ئالاقىسىنىڭ ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىش يېڭى دەۋرىنى كۈتىمىز

2019.08.21 13:56 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  ياپونىيەنىڭ پارتىيە گۇرۇھتىن ھالقىغان ياش سىياسىئونلار ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولىۋاتقان ياپونىيە ئادالەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ مۇۋەققەت باش ئىش بېجىرگۈچىسى قوشۇمچە خەلقئارا كومىتېتىنىڭ باشلىقى توئوياما ئاكىخىكو 8-ئاينىڭ 19-كۈنى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: يېقىندىن بۇيان ياپونىيە بىلەن جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز ئارا زىيارەتتە بولۇشىنىڭ قايتا باشلىنىشى ھەمدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ياپونىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق ئالاقىسىدا ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىش يېڭى دەۋرىنىڭ باشلىنىشىدىن ئۈمىد بار.

  يۇەنشەنچىڭيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ئىككى يىلدا، ياپونىيە بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتى نۇرغۇن نامايەندىلىك ۋەقەلەرنى باشتىن كەچۈردى. 2018-يىلى ئىككى دۆلەت «جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ تىنچىلىق دوستلۇق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى كۈتۈۋالدى، يەنە بىر يۈرۈش يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى قانات يايدۇردى، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئۆز ئارا زىيارىتىنى قايتىدىن باشلىدى. بۇ يىل، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن باش ۋەزىر ئابىشىنزو يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ ئوساكا باشلىقلار يىغىنى

  مەزگىلىدە ئۇچرىشىپ ئون نۇقتىلىق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ياپونىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا توئوياما ئاكىخىكو جۇڭگونىڭ 70 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ماختىدى ۋە قۇۋۋەتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو نۆۋەتتە دۇنيادىكى 2- چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى. ياپونىيە جۇڭگو بىلەن پۇل-مۇئامىلە ۋە سودىغا مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ تۈردە ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ