مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈچ ئۆلكە باش تېما تەربىيەسىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى

2019.08.21 13:55 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  خېيلۇڭجياڭ، لياۋنىڭ، جىلىن ئۆلكىلىرى «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە، مەسىلە ئارقىلىق يېتەكلەش، پىچاق بىسىنى ئىچىگە قارىتىپ، ھەم ئومۇملۇقنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ھەم ئاممىنىڭ قىزىق ۋە قىيىن نۇقتىلىق مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئاجىز ھالقىلارنى چىڭىتىپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسلى مەقسەت، بۇرچنى ھەقىقىي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەقىقىي، ئەمەلىي تۈزىتىش ئۈنۈمى ئارقىلىق ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئەل قەلبىنى مايىل قىلدى.

  خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، باش تېما تەربىيەسىنىڭ باشلىنىشىغىلا مەسىلىگە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ساقلاپ تۇرماي ھەم يۆلىنىۋالماي، ۋاقتىدا ئېنىقلاپ، ۋاقتىدا تۈزەتتى. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى بەنزىسى 18 تېمىنى بېكىتىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 40 نەچچە قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم خاربىن شەھىرىدىكى كەپىلىك مەھەللىلەر ھەم كونا مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، نەق مەيداندا مەسىلىنى ھەل قىلىپ، خاربىن شەھىرىنىڭ 2019-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بولغان ئۈچ يىللىق ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش ۋاقىت جەدۋىلىنى بېكىتتى شۇنداقلا نۇقتا قىلىپ يېتەكلەش ئارقىلىق، پۈتۈن ئۆلكىدىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

  لياۋنىڭ ئۆلكىسى كارخانا، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش قېتىم سانى كۆپ بولۇش ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەڭ كۆپ بولغاندەك بىرلا قېتىمدا بېجىرىشكە تۈرتكە بولدى، شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ كۆرۈشمەي تۇرۇپ تەستىقلاش ئىشلىرى رەتلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئاممىغا ئېلان قىلىندى. داليەن شەھىرى كارخانىلار كۆڭۈل بۆلگەن مۇھىم ھەم قىيىن نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ تۈزىتىپ، بىر توردا بېجىرىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر دەرىجىلىكنىڭ توردا بېجىرىش نىسبىتىنى %94.15 كە يەتكۈزدى. 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇيان، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرى يېزا كوللېكتىپىنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى مەبلەغ، مۈلۈك، بايلىق باشقۇرۇش، خەلق ئىشلىرى ياردىمى قاتارلىق مەسىلىدىن 87 مىڭنى ھەل قىلدى، بۇنىڭغا چېتىشلىق مەبلەغ 400 مىليون يۈەن كېلىدۇ.

  تەرەققىياتنىڭ يۇمشاق مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈن، جىلىن ئۆلكىسى «جىلىن ئۆلكىسىنىڭ سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش نىزامى»نى چىقاردى. جىلىن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە رەقەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆلكە، شەھەر، رايون بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، «جىلىن ئۆلكىسىنىڭ سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش نىزامى» تەشۋىقاتىنى مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش باش تېما پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، كارخانىچىلار، ئاممىنىڭ سودا مۇھىتى ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىگە بولغان پىكىر-تەكلىپلىرىنى نەق مەيداندا ئاڭلاپ، كارخانىچىلار ۋە ئاممىغا جىلىن ئۆلكىسىنىڭ سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش سىياسىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ