مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كەسپى ئورۇنلار ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنى ئېچىلدى

2019.08.21 13:54 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتى 8-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدا مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا قاراشلىق كارخانا كەسپى ئورۇنلار ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنىنى ئاچتى ھەم يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا قاراشلىق كارخانا كەسپى ئورۇنلاردىكى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان 80 گە يېقىن قانۇن، ئىنتىزامغا خىلاپ تىپىك دېلونى ئۇقتۇردى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا قاراشلىق كارخانا كەسپى ئورۇنلارنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى-مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئوبرازىغا مۇناسىۋەتلىك، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسىلىسىدە، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا قاراشلىق كارخانا كەسپى ئورۇنلار بىلەن ئورگانلارنىڭ ئىچىدىكى ئاپپاراتلارغا ئىككى ئۆلچەم قوللىنىشقا بولمايدۇ، جەزمەن قاتتىق تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش شەرت، دائىرە سىرتىدىكى رايون، تەسىرگە ئۇچرىمايدىغان رايوننى قالدۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، چىرىكلىشىشنى رەت قىلىپ، ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالنى ئۇزۇن مۇددەت چېلىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش، بوشاشماستىن دائىم چىڭ تۇتۇش كېرەك. ھەر قايسى تارماقلار ئۆزلىرىگە قاراشلىق كارخانا كەسپى ئورۇنلىرىنىڭ ئىبرەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پاكلىق خىيىم-خەتىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ساقلىنىپ ھەم تىزگىنلەپ، تۈزۈم قەپىسىنى چىڭىتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چېرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان تۈزۈلمە مېخانىزمنى ئورنىتىشى كېرەك.

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى ھەر قايسى تارماقلىرىنىڭ ئورگان پارتكوملىرى، ئورگان ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ھەم قىسمەن قاراشلىق كارخانا كەسپىي ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بولۇپ 1200 دىن ئارتۇق ئادەم يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ