مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شېنجېننىڭ يېڭى بەلگىلەنگەن ئورنى شىياڭگاڭ جەمئىيىتىدە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

2019.08.21 13:52 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن شېنجېننىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئالدىن ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشىنى قوللاش توغرىسىدىكى پىكىرى» 8-ئاينىڭ 18-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شىياڭگاڭ جەمئىيىتىدە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. شياڭگاڭنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: دۆلەت گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمىن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ئىچىدىكى شەھەرلەرگە غايەت زور تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى، شياڭگاڭنىڭ تالاش-تارتىشقا پېتىپ قالماي، تەرتىپنى تېزراق ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، چوڭ قولتۇق رايونىدىكى باشقا شەھەرلەر بىلەن بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  «داگۇڭ» گېزىتىدە 8-ئاينىڭ 19-كۈنى باش ماقالە ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئۇزاقتىن بۇيان، شياڭگاڭ جۇڭگونىڭ «كۆزنىكى» بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭغا مۇھىم رول ئاتا قىلىنغان. بۇ يىل 2-ئايدا ئېلان قىلىنغان «گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمىن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ تەرەققىيات پىلان پىروگراممىسى»دىمۇ شياڭگاڭ رايون «باشلامچىسى» دەپ قارىلىپ، سىياسەت جەھەتتە ئېتىبار بېرىلگەن ۋە قوللاشقا ئېرىشكەن. شياڭگاڭدا ئەگەر داۋاملىق زوراۋانلىق نامايىشى بولۇپ، ئىچكى كۆرەشكە غەرق بولىدىغان بولسا، ئىقتىسادى تەرەققىيات ۋە خەلقئارادىكى ئىناۋىتىدىن مەھرۇم قىلىپلا قالماستىن، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ كەلگۈسىنىمۇ يۇقىتىپ قويىدۇ. ئىقتىسادنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ۋە «گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمىن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە سېڭىشكەندىلا، شىياڭگاڭ ئاندىن توغرا يولدا ماڭالايدۇ.

  شېنجىن بىلەن شياڭگاڭ ئارىسىدا ئەشيا ئوبۇرۇت شىركىتى ئاچقان خۇاڭ پېڭ مۇنداق دېدى: «پىكىر» شېنجىننىڭ شىياڭگاڭ، ئاۋمىن پۇل-مۇئامىلە بازىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، شياڭگاڭ، ئاۋمىندىكى ئاھالىلەرنىڭ شېنجىندا خىزمەت قىلىش، تۇرمۇش كەچۈرۈشگە قولايلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە تۈرتكۈلۈك رول ئوينايدۇ. شياڭگاڭ تەرتىپنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىقتىساد ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشى قىلىپ، شېنجىن بىلەن شىياڭگاڭنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، شېنجىن بىلەن بىرلىكتە چوڭ بازار ئېچىپ، تەرەققىي قىلىشى زورىيىشى كېرەك.

  بۇنىڭدىن باشقا، «شياڭگاڭ سودا گېزىتى»، «يۇلتۇزلۇق ئارال گېزىتى»دىمۇ ئوبزۇر ئېلان قىلىنىپ، مۇھىم نۇقتىنى تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۇش شياڭگاڭنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇشى ۋە تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىنىڭ چارسى، دەپ كۆرسىتىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ