باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئۇنتۇماي، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى چاقىرىقى ۋە تاپشۇرۇقىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى 6-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە «سەلتەنەتلىك 70 يىل . كۈرەشچان يېڭى دەۋر ___ مۇخبىرلار ئۇزۇن سەپەر يولىدا قايتا مېڭىش» تېمىسىدىكى زىيارەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 1300دىن ئارتۇق مۇخبىر قىزىل ئارمىيەنىڭ ئەينى يىلىدىكى ئۇزۇن سەپەر قەدىمىگە ئەگىشىپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ زىيارەت قىلىپ، جەمئىي 16 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق جانلىق، ھەر خىل شەكىلدىكى خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدى، توردا ئومۇمىي كۆرۈلۈش مىقدارى 2 مىليارد قېتىمغا يېقىنلىشىپ، جەمئىيەتتە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا «مۇخبىرلار ئۇزۇن سەپەر يولىدا قايتا مېڭىش» باش تېما قىلىنغان زىيارەت پائالىيىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ھەر ساھەنىڭ قىزغىن ئىنكاسىنى قوزغىدى. باش تېما زىيارەت پائالىيىتىگە قاتناشقان مۇھەررىر، مۇخبىر، قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر لىنىيەسى بويىدىكى كەڭ كادىرلار ۋە ئامما ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، دەۋرگە ياخشى جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تارىخىي يول مەنبەسىنى ئىزدەپ، ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش
مىسلىسىز مۇشەققەتلىك ئۇزۇن سەپەر جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ئۆچمەس سەھىپىسىنى ياراتتى. «كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيەنىڭ تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ، يېڭى جۇڭگونىڭ، جۇڭگوچە سوتسيالىزمنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن»، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى كەڭ كادىرلار ۋە ئاممىنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى.
جياڭشى يۈدۇدا، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىش خاتىرە سارىيى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گۇەن دۇڭمېي ئىزچىل ئۇزۇن سەپەر ھېكايىسىدىن تەسىرلىنىپ كەلدى. گۇەن دۇڭمېي مۇنداق دېدى: ئېگىلمەس ئىرادىگە تولغان، كەسكىن، يەر-جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ئىنقىلابىي ھېكايىلەرگە بولغان چۈشىنىش بىزنىڭ ھازىرقىنى قەدىرلەپ، قۇربان بولغان قەھرىمانلارنىڭ ئۆتمۈشتە تۆلىگەن بەدەللىرىگە مىننەتدار بولۇپ، كەلگۈسى كۈرەش نىشانىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ