مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالتە تارماق ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقاتتى

ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ پەن تەتقىقاتتا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى كېڭەيتىلىدۇ

2019.08.20 16:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20 – ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىرلىشىپ يېقىندا «ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ پەن تەتقىقاتقا ئالاقىدار ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى كېڭەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»نىڭ ئۇقتۇرۇشىنى بېسىپ تارقىتىپ، ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ قانۇن – بەلگىلىمە بويىچە پەن تەتقىقاتقا ئالاقىدار ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى قوللاپ، ئورۇن ۋە خادىملارنىڭ ئاكتىپلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى، ھاياتىي كۈچى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجىتمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجادچان دۆلەت ۋە دۇنيادا پەن – تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

  «پىكىر» مەركەز تارماقلىرىغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپ ۋە مەركەز دەرىجىلىك پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىغا تەتبىقلىنىدۇ، ئۇنىڭدا «ئاپپاراتنىڭ يۈرۈشۈشىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» «پەن تەتقىقات باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇش» «كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار ئۇسۇللارنى ئىسلاھ قىلىش» «نەتىجە – ئۈنۈم مائاش تەقسىماتى ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» «سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش» قاتارلىق جەھەتلەردىن كونكرېت تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ قانۇن – بەلگىلىمە بويىچە پەن تەتقىقاتقا ئالاقىدار ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى قوللىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ