مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى:

ئامېرىكا تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك

2019.08.20 16:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20 – ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ما شياۋگۇاڭ 8 – ئاينىڭ 19 – كۈنى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە F—16V تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى سېتىپ بەرمەكچى بولغانلىقى توغرىسىدا سۈرۈشتۈرۈشكە جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۇ ئىش توغرىسىدا ئامېرىكا بىلەن كەسكىن سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىقى بولۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو – ئامېرىكىنىڭ ئۈچ قوشما ئاخباراتىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلدى، جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتى، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ۋە تەيۋەن بوغۇزى رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز. ئامېرىكا تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە ئېغىر خاتا سىگنال بېرىشنى توختىتىشى كېرەك. ھەرقانداق كۈچ دۆلىتىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئىرادىمىز ۋە ئىقتىدارىمىزنى تۆۋەن چاغلاپ قالمىسۇن.

  ما شياۋگۇاڭ مۇنداق دېدى: سەي يىڭۋېن ۋە دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى دائىرىلىرى ئىككى قىرغاق قېرىنداشلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ئامېرىكىنىڭ «پېشكا»سى بولۇشتىن باش تارتماي، ئامېرىكىغا يۇقىرى سوممىلىق «قوغداش ھەققى» تاپشۇردى، ئاخىرىدا ئۇلار پەقەت تاشلىۋېتىلىپ، تارىخنىڭ شەرمەندىلىك تۈۋرۈكىگە مەڭگۈلۈك مىخلىنىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ