مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ARJ21 تىپلىق ئايروپىلان تۇنجى قېتىم ئېگىزلىكتە ئۈلگە كۆرسىتىپ ئۇچتى

2019.08.20 14:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن رېئاكتىپ تارماق لىنىيەسىدىكىARJ21 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى تۇنجى قېتىم ئېگىزلىكتە ئۈلگە كۆرسىتىپ ئۇچتى، كۇنمىڭ-لىجياڭ-شىشۇاڭبەننا-كۇنمىڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئۇچتى. ARJ21 تىپلىق ئايرۇپىلاننىڭ ئىگىزلىككە ماسلىشىش ئىقتىدارى ۋە شامالغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ياخشى، بولۇپمۇ ئېلىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب رايونىدىكى ئايرۇدۇرۇمنىڭ ئۇچۇش-قونۇش شارائىتى ۋە مۇرەككەپ ھاۋا يولى توسالغۇدىن ئۆتۈش تەلىپىگە ماس كېلىدۇ.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىشلىرى كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ، ئاجايىپ تەرەققىيات مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈردى. خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئايرودۇرۇمىنىڭ ئەسلىھە سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنىڭ قاپلاش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئۆستى، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، قەرەللىك نۆۋەتچى ئايروپىلان مۇساپىسى 8 مىليون 380 مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ