مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، 2019- يىللىق «ئەڭ گۈزەل دوختۇر»نىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىنى ئېلان قىلدى

2019.08.20 14:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەھىيە-ساغلاملىق خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، «ھاياتلىقنى ساقلاش، ئۆلۈمگە ئامال ۋە ئاغرىققا سەۋەب قىلىش، خالىس تۆھپە قوشۇش، چەكسىز مېھىر-مۇھەببەت»تىن ئىبارەت ئالىيجاناب روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، 8- ئاينىڭ 19- كۈنى ئىككىنچى نۆۋەتلىك «جۇڭگو دوختۇرلار بايرىمى» يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى 2019- يىللىق «ئەڭ گۈزەل دوختۇر»نىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىنى جەمئىيەتكە ئاشكارا ئېلان قىلدى.

  ۋاڭ دۇڭجىن، ۋاڭ شىنخۇا، شى شۆمىن، ياۋ يۈفېڭ، گې جۈنبو، جاڭ جۈنتىڭ، جۇاڭ شىخۇا، ۋاڭ چۈەن، تەن شياۋچىن ۋە گۇ فاڭجۇ (مەرھۇم) قاتارلىق 10 نەپەر سەھىيە-ساغلاملىق خادىمى ۋە جۇڭگو پىدائىيلار دوختۇرلىرى ئەترىتى، سەھىيە - ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ساھەلىرىدە جان-دىل بىلەن خەلق ساغلاملىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆمرىدە بىرلا ئىشنى قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغىنى يوقىتىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى؛ بەزىلىرى ئۇستىلىق بىلەن ئاغرىقنى يوقاتتى؛ بەزىلەر ھاياتلىق چەكلەنگەن رايونغا ئۈزلۈكسىز جەڭ ئېلان قىلىپ، بىمارلارنىڭ ھاياتىنى ئۈستىگە ئالدى؛ بەزىلىرى ساپ قەلب بىلەن پەن - تېخنىكا جەھەتتە ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، سەھىيە ۋە ساغلاملىق پەن تەتقىقاتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشقا ئىرادە باغلىدى؛ بەزىلەر يۇقىرى داۋالاش تېخنىكىسى ئارقىلىق، مېھرىبانلىق بىلەن ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدىدى؛ بەزىلىرى كۆپ يىللاردىن بۇيان چېگرا رايون ۋە يېزا-كەنتلەردە يىلتىز تارتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ساغلاملىق، بەخت-سائادىتىنى ئۆستۈردى؛ يەنە بەزىلەر ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا بىرىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ نامراتلارنى يۆلىدى.

  ئېلان قىلىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا «ئەڭ گۈزەل دوختۇر»نىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرى توغرىسىدىكى قىسقا سىن فىلىمى قويۇلدى، زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئۇلار دوختۇرلۇق بىلەن شۇغۇللانغان تەسىراتىنى بايان قىلدى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە دۆلەت سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى ئۇلارغا «ئەڭ گۈزەل دوختۇر» دېگەن شەرەپ گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىپ بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ