مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2018-يىلى، زەھەر چەكلەشتىكى 109 ئۈلگىلىك شەھەردە مەملىكەت بويىچە %30 زەھەر دېلوسى پاش قىلىندى

2019.08.19 16:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ دۆلەت زەھەر چەكلەش كومىتېتى يېقىندا ئاچقان مەملىكەت بويىچە زەھەر چەكلەشتە ئۈلگىلىك شەھەر بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىن يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، مەملىكەت بويىچە زەھەر چەكلەشتە ئۈلگىلىك شەھەر قۇرۇش پائالىيىتىدە باسقۇچلۇق مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، 2018-يىلى مەملىكەت بويىچە زەھەر چەكلەشتىكى 109 ئۈلگىلىك شەھەردە 35 مىڭ زەھەر دېلوسى پاش قىلىنغان، بۇ، مەملىكەت بويىچە پاش قىلىنغان زەھەر دېلوسى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %30نى ئىگىلىگەن.

  2018-يىلى 1-ئايدا، دۆلەت زەھەر چەكلەش كومىتېتى مەملىكەت بويىچە زەھەر چەكلەشتىكى ئۈلگىلىك شەھەر قۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، زەھەر چەكلەشتە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ تىپىك يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، مەملىكەت بويىچە زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. جايلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىلتىماس قىلىشى، دەرىجىمۇ دەرىجە تەكشۈرۈشىگە ئاساسەن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جۇڭشەن شەھىرى، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كۈنمىڭ شەھىرى قاتارلىق 109 ۋىلايەت، شەھەر زەھەر چەكلەشتە ئۈلگىلىك شەھەر بەرپا قىلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، زەھەر چەكلەشتە ئۈلگە كۆرسىتىش شەھەرلىرىدە زەھەر چەكلەش مەسئۇلىيىتى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان. 2018-يىلى زەھەر چەكلەشتىكى 109 ئۈلگىلىك شەھەردە زەھەر دېلوسى بويىچە 45 مىڭ جىنايەت گۇماندارى قولغا چۈشكەن، بۇ، ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ %40ىنى ئىگىلىگەن؛ 38.8 توننا زەھەر قولغا چۈشۈرۈلگەن، بۇ، قولغا چۈشۈرۈلگەن ئومۇمىي زەھەرنىڭ %50ىنى ئىگىلىگەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ