مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك مۇنبىرىنىڭ 1-مەيدان مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى

2019.08.19 15:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەش ئۈچۈن، 16-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم بىرلىكتە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك مۇنبىرىنىڭ 1-مەيدان مۇنبىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بەش ئاكادېمىكىنى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئۈستىدە كەڭ-كۇشادە پاراڭلىشىشقا ھەمدە ئۆزىنىڭ كۈرەش مۇساپىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، تور ئەھلى بىلەن توردا قىزغىن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك مۇنبىرى جەمئىي ئالتە مەيدان ئۆتكۈزۈلىدۇ، قالغان بەش مەيدان 8- ئاينىڭ 22-كۈنى، 8-ئاينىڭ 28-كۈنى، 9-ئاينىڭ 4-كۈنى، 9-ئاينىڭ 11- كۈنى، 9-ئاينىڭ 19-كۈنى ئايرىم-ئايرىم ئۆتكۈزۈلىدۇ، خەلق تورى، شىنخۇا تورى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ