مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۇقتۇرۇش تارقاتتى

بىرىنچى تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم

2019.08.19 15:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركەزنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «بىرىنچى تۈركۈمدىكى‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش›باش تېما تەربىيەسىنى باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، مەركەزنىڭ «پۈتۈن پارتىيەدە ‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش› باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ نىشان، ۋەزىپە ۋە نۇقتىلىق تەدبىرلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى باھالاش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش تېما تەربىيەسىنى باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش − «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقنى تېپىپ چىقىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش» ئومۇمىي تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى كونكرېت تەدبىر، تەربىيەنى ئوچۇق ئېلىپ بېرىش، خەلق ئاممىسىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشتىكى جانلىق ئەمەلىيەت، باش تېما تەربىيەسى تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش باش تېما تەربىيەسى ئۈنۈمىنى سىناشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى. ئىدىيەۋى تونۇشى جايىدا بولۇشنى تۇتۇش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ كۆزىتىش جايىدا بولۇشنى تۇتۇش، تۈزىتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولۇشنى تۇتۇش، تەشكىلىي رەھبەرلىك جايىدا بولۇشنى تۇتۇش تەلىپىنى چىڭ تۇتۇپ، جەرياننى باھالاش بىلەن نەتىجىنى باھالاشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئامما باھالاش، ئەمەلىيەت ئارقىلىق تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، بولۇپمۇ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆلچەم قىلىپ، باھالاش نەتىجىسىنىڭ ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ