مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ شېنجېننىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئالدىن يولغا قويۇش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشنى قوللاش توغرىسىدىكى پىكرى

(2019-يىل 8-ئاينىڭ 9-كۈنى)

2019.08.19 15:29 مەنبە: خەلق تورى

  پارتىيە ۋە دۆلەت ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇش مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆزنىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈرلۈك ئىشلاردا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جەلپ قىلىش كۈچىگە، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە، ھاياتىي كۈچكە، يېڭىلىق يارىتىش كۈچىگە ئىگە شەھەرگە ئايلاندى. نۆۋەتتە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، شېنجېننىڭ يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئالدىن يولغا قويۇش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشىنى قوللاش بولسا تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدا، تېخىمۇ يۈكسەك نىشان بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق؛ گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى ئىستراتېگىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى يولغا قويۇپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات يېڭى ئەمەلىيىتىنى بېيىتىشقا پايدىلىق؛ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش يېڭى يولى ئۈستىدە باشلامچىلىق بىلەن ئىزدىنىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىشقا پايدىلىق. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شېنجېن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، شېنجېننىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئالدىن يولغا قويۇش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشىنى قوللاش توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ

  (بىرىنچى) يېتەكچى ئىدىيە. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئالدىن يولغا قويۇش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش يۆنىلىشىگە قاراپ ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت بەرپا قىلىشنىڭ شەھەر ئۈلگىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

  (بۇ يەرنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ).

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ