مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو ETC مۇلازىمەت سۇپىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2019.08.19 14:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 8-ئاينىڭ 18-كۈنى قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو ETC مۇلازىمەت سۇپىسى، يەنى ئاپتوموبىلنى توختاتماي تۇرۇپ ئېلېكتىرونلۇق ھەق تۆلەش سىستېمىسى شۇ كۈنى رەسمىي توردا مۇلازىمەت قىلىشنى باشلىغان. ئاپتوموبىل ئىگىلىرى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تېرمىنال ئەپنىڭETC مۇلازىمەت رايونى ياكى قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت ئۈندىدارىنىڭETC مۇلازىمەت سۇپىسى ئارقىلىق،ETCنى توردا ھەقسىز ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئاپتوموبىلنى توختاتماي تۇرۇپ تېز ھەق ئېلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن ئىلگىرى، تەۋەلىك رايونىدىكى ئاپتوموبىللارغا ETC سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتىنى %80كە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن كىرىش ئېغىزىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ ئىشلىتىش نىسبىتىنى %90كە يەتكۈزۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئاپتوموبىلنى توختاتماي تۇرۇپ ھەق ئېلىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ھازىرغىچە، ئېلىمىزدە ETCنىڭ تارقىتىلىش مىقدارى 106 مىليون 967 مىڭ 400گە يەتتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ