مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىپ، سىياسىي جەھەتتىكى تەكشۈرۈشنى ياخشى ئېلىپ بېرىش كېرەك

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا

2019.08.19 14:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىنىڭ مۇھىم ئۇسۇلىدۇر.

  يېقىندا «تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاساسىي تېما تەربىيە ئورۇنلىرىنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشنى رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر سۈپىتىدە ئەسلىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، پەرقنى تېپىپ چىقىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتىكى بىر قېتىملىق سىياسىي جەھەتتىكى تەكشۈرۈش ئاساسىي تېما قىلىنغان تەربىيە ئۈنۈمىنى سىناشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىندى ھەمدە دىققەتنى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىسىغا مەركەزلەشتۇرۇش، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىدنى چىڭىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، جايلار، تارماقلار ۋە ئورۇنلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشى، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلەپلىرى بويىچە، ئەمەلىي ئەھۋال بىلەن بىرلەشتۇرۇپ لايىھە تۈزۈپ، تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى چىڭ تۇتۇپ، دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى پۇختا ئېچىپ، سىياسىي جەھەتتىكى تەكشۈرۈشنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى ئېچىپ، سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ ۋە پارتىيەۋىلىكنى تەھلىل قىلىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە ئۈچۈن مۇھىم ئۈلگە كۆرسىتىپ، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ناھىيە ۋە باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تۇنجى تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئورۇنلىرى بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قايتا تەرتىپكە سېلىپ قايتا يولغا چىقىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، جەزمەن چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ