ئاپەت رايونىغا قاراپ ئىلگىرىلەش، ھەممىسى ئامما ئۈچۈن

2019.08.16 16:44 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا، جەڭچىلەر يەردە ئولتۇرۇپ قاچىلىق تاماق يېمەكتە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئەنخۇي ئۆلكىسى شۈەنچېڭ شەھەرلىك قوراللىق ساقچى قىسىم تارماق ئەترىتىدىكى 10 نەچچە ئوفىتسېر-ئەسكەر ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ نىڭگو شەھىرىدىكى ئاپەت ئېغىر بولغان نەنجى يېزىسى مېيسۈن كەنتى داۋۇ كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسىدا قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇردى. تاغلىق رايوندىكى يوللار ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغاچقا، ئوفېتسىر-ئەسكەرلەر ماددىي ئەشيالارنى توشۇش جەريانىدا مۈرىسىدە يۈدۈپ، قوللىرىدا كۆتۈرۈپ ئالغا ئىلگىرلىدى. ئوڭغۇل-دوڭغۇل تاغ يولىدىن ئۆتۈپ، تاشلىق ساھىلدىن ئۆتۈپ، پىژغىرىم ئىسسىقتا ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق ماڭغاندىن كېيىن، ئاندىن ماددىي ئەشيالارنى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بەردى ھەم ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ لاتقا ۋە قۇم-شېغىللارنى تازىلىشىغا ياردەم بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ