تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، روھنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش لازىم −− 74-قېتىملىق ياپونىيە تەسلىم بولغان خاتىرە كۈنىدە

2019.08.16 16:43 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: ئىچكى موڭغۇلدىكى چىڭشەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى پارتىزانلار تايانچ بازىسى كۆرگەزمە سارىيىدا، تاماشىبىنلار تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىماقتا (28-ئىيۇن تارتىلغان سۈرەت).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 74 يىل ئىلگىرىكى 8-ئاينىڭ 15- كۈنى، 14 يىل قان كەچكەن جۇڭگو خەلقى ئاخىرى چۈشىدىمۇ ئارزۇ قىلغان: «ياپونىيە تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىدى، دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى تارىخ سەھىپىسىدە مەڭگۈلۈك ئۇلۇغ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى»، دېگەن خۇش خەۋەرنى ئاڭلىدى. 74 يىلدىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ ئۇرۇش ئوتىدىن تىنچلىققا قاراپ مېڭىشىغا سىمۋول قىلىنغان بۇ مۇھىم خاتىرە كۈنىدە، جايلاردىكى ئامما بەس-بەستە ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيە بازىسى ۋە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش خاتىرە سارايلىرىغا يىغىلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنى ياد ئېتىپ، ئەجدادلىرىدىن مىللەتنىڭ گۈللىنىش مۇساپىسىدە داۋاملىق كۈرەش قىلىدىغان مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ