مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نەسىھەتنى ئاڭلىماي دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش يولىنى توسۇۋالغان ئايال شوپۇر بېيجىڭ ساقچى تەرەپ تەرىپىدىن قانۇن بويىچە بەش كۈن مەمۇرىي توختىتىپ قويۇلدى

2019.08.16 15:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، بېيجىڭدا بىر ئايال شوپۇر نەسىھەتكە قۇلاق سالماي، ئاپتوموبىلنى دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش يولىغا توختىتىپ، يولنى توسۇۋالدى ھەمدە نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان قاتناش ساقچىلىرى بىلەن تالاش-تارتىش قىلىپ، جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

  15-چېسلا كەچتە بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بېيجىڭ چاۋياڭ ساقچى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش قانۇنى»غا ئاساسەن، بۇ ئايالغا مەمۇرىي جەھەتتىن بەش كۈن توختىتىپ قويۇش جازاسى بەرگەن.

  8-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 9 ئەتراپىدا، بېيجىڭ شەھەرلىك قاتناش ساقچى باش ئەترىتى چاۋياڭ قاتناش تارماق ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى بېيجىڭ ئاياللار-تۇغۇت دوختۇرخانىسىنىڭ شەرقىي رايونىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى باشقۇرغۇچىسىنىڭ ئىنكاسىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، بېيجىڭ A نومۇر تاختىلىق كىچىك يولۇچىلار ئاپتوموبىلى (تىزىمغا ئالدۇرغان ئاپتوموبىل ئىگىسى خې X) دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش يولىنى توسۇۋالغاندىن كېيىن، شوپۇر كېتىپ قېلىپ، باشقا ئاپتوموبىللارنىڭ ماڭالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئارقىدىن قاتناش ساقچىسى نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچى دەن فامىلىلىك (ئايال، 31 ياش، مەلۇم شىركەتنىڭ قانۇنىي ئىگە ۋەكىلى) بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئاپتوموبىلنى يۆتكەشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن، دەن فامىلىلىك ماسلىشىشنى رەت قىلغان ھەمدە قاتناش ساقچىسى بىلەن تالاش-تارتىش قىلغان، قاتناش ساقچىسى دەرھال قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپتوموبىلىنى يۆتكەپ، ئاپتوموبىلنى سۆرەپ يۆتكىمەكچى بولغان ھەمدە شۇ جايدىكى ساقچىخانىدىكى خەلق ساقچىسىنى قانۇن ئىجرا قىلىشقا ماسلىشىشقا ئالاقىلاشقان. كېيىن تەربىيە بېرىش ئارقىلىق، دەن فامىلىلىك ماشىنىنى ئۆزى يۆتكىگەن.

  دەن فامىلىلىك ماشىنا توختىتىشنى باشقۇرغۇچىنىڭ نەسىھىتىگە قارىماي، كىچىك ئاپتوموبىلنى دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش يولىغا توختىتىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش يولىنى توسۇپ قويغان، خەلق ساقچىلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشىغا ماسلاشماي، جىددىي قۇتقۇزۇش يولىنى توسۇۋېلىپ، ئاممىنىڭ ئولىشىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دوختۇرخانىنىڭ ئاممىۋى تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغان. بۇنىڭغا قارىتا، بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى چاۋياڭ شۆبە ئىدارىسى تەكشۈرۈپ دەلىل-ئىسپات ئېلىش ھەمدە دوختۇرخانا دەن فامىلىلىكنىڭ ھامىلىدار ئايال ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش قانۇنى»غا ئاساسەن ئۇنىڭغا مەمۇرىي جەھەتتىن بەش كۈن توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

  تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەگە چېتىشلىق بېيجىڭ A نومۇرلۇق ئاپتوموبىلنىڭ تۇنجى قېتىم تىزىملاتقان ۋاقتى 1995-يىلى 10-ئايدا بولۇپ، دەسلەپتە بىر كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل تىزىملانغان، ئاپتوموبىل نومۇرى نورمال تارقىتىلغان. 2006-يىلى 11-ئايدا بۇ نومۇر تاختىسى ئاپتوموبىل بىلەن بىللە خې فامىلىلىكنىڭ نامىغا يۆتكەلگەن. ۋەقەگە چېتىشلىق ئاپتوموبىلنى دەن فامىلىلىك 2018-يىلى سېتىۋالغان ھەمدە بېيجىڭ H نومۇر تاختىسىنى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغان، كېيىن دەن فامىلىلىك بۇ ئاپتوموبىلنى سودا شەكلى ئارقىلىق خې فامىلىلىكنىڭ نامىغا يۆتكەپ تىزىمغا ئالدۇرغان ھەمدە خې فامىلىلىكنىڭ نامىدىكى A نومۇرلۇق نومۇر تاختىسىنى ئىشلەتكەن.

  نۆۋەتتە، ساقچى تەرەپ ئالاقىدار ئاپتوموبىلنى يۆتكەپ تىزىملاش ئەھۋالىنى يەنىمۇ تەكشۈرمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ