مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«خەلق تورىنىڭ شاڭخەي دىسنېي باغچىسىدىن سورىغان تۆت سوئالى» تورداشلار ئارىسىدا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى

دىسنېي ئەڭ تېز بولغاندا بەش خىزمەت كۈنىدە جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى

2019.08.16 14:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16 – ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شاڭخەي دىسنېي باغچىسىنىڭ يېمەكلىك ئېلىپ كىرىشنى چەكلەش ۋە مەجبۇرىي سومكا ئاختۇرۇپ تەكشۈرۈش، ياۋروپا – ئامېرىكا، ئاسىياغا قوش ئۆلچەم قويۇش قاتارلىق قىلمىشى تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى، خەلق تورى 8 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ئېلان قىلغان «شاڭخەي دىسنېي باغچىسىغا تۆت سوئال: سومكا ئاختۇرۇش، <قوش ئۆلچەم> قويۇشقا نېمە ھەققىڭلار بار؟!» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلىپ، مىكرو بىلوگ، بەيدۇ، sogou قاتارلىقلارنىڭ قىزىق نۇقتىلىق ئىزدەش تىزىملىكىگە كىردى. ئارقىدىن خەلق تورىنىڭ مۇخبىرى ئامېرىكا دىسنېي باغچىسىنىڭ ئارامگاھ رايونى ھۆكۈمەت تورى ئېلخەت ئادرېسى ئارقىلىق سومكا ئاختۇرۇش، «قوش ئۆلچەم» قاتارلىق سوئاللارنى سوراپ، بىردەك «ئادەتتە بەش خىزمەت كۈنىگىچە جاۋاب قايتۇرىمىز» دېگەن جاۋابقا ئېرىشتى.

  ساياھەتچىلەرنىڭ يېمەكلىك ئېلىپ باغچىغا كىرىشىنى چەكلەش ۋە سومكا ئاختۇرۇپ تەكشۈرۈش سەۋەبلىك، شاڭخەي دىسنېي باغچىسى يېقىندا قانۇنشۇناسلىق كەسپىدىكى بىر ئوقۇغۇچى تەرىپىدىن سوتقا ئەرزى قىلىندى. شاڭخەي دىسنېي باغچىسىنىڭ جاۋاب قايتۇرۇشىچە، سىرتتىن يېمەكلىك ۋە ئىچىملىك ئېلىپ كىرىش بەلگىلىمىسى جۇڭگودىكى كۆپ قىسىم باش تېما باغچىلىرى ۋە دىسنېي باغچىسىنىڭ ئاسىيادىكى باشقا ئورۇنلىرى بىلەن ئوخشاشكەن. ئامېرىكا ۋە فىرانسىيەدىكى دىسنېي باغچىلىرىدا ئىستېمالچىلارنىڭ يېمەكلىك ئېلىپ كىرىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسى بولمىغاچقا، شاڭخەي دىسنېي باغچىسىنىڭ جاۋابى جۇڭگو تورداشلىرىنىڭ تېخىمۇ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى.

  «بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش بىلەن سومكا ئاختۇرۇشنىڭ خۇسۇسىيىتى قەتئىي ئوخشىمايدۇ، سومكا ئاختۇرۇش شەخسىي ھوقۇق – مەنپەئەتكە دەخلى - تەرۇز قىلغانلىق» «سومكا ئاختۇرۇشنى پەقەت ساقچىلارلا قىلالايدىغۇ؟ ساقچىنىڭمۇ خالىغانچە سومكا ئاختۇرۇش ھوقۇقى يوق» «دىسنېينىڭ ئاختۇرۇش ھوقۇقى بارمۇ؟ كىم ھوقۇق بېرىپتىكەن؟» نۇرغۇن تورداشلار «سومكا ئاختۇرۇپ تەكشۈرۈش»نىڭ قانۇنلۇقلۇقى توغرىسىدا گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دىسنېينىڭ ياۋروپا – ئامېرىكا باغچە رايونى، ئاسىيا باغچە رايونىدىكى «يېمەكلىك ئېلىپ كىرىشنى چەكلەش»تەك «قوش ئۆلچەم» ئۇسۇلىغا قارىتا، بەزى تورداشلار بۇ ئاسىيالىقلارنى كەمسىتىش دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

  تورداشلار بىردەك كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، خەلق تورى مۇخبىرى 8 – ئاينىڭ 14 – كۈنى، ئامېرىكا دىسنېي باغچىسى ئارامگاھ رايونىنىڭ ھۆكۈمەت تورى ئېلخەت ئادرېسى ئارقىلىق سۈرۈشتۈردى. ئارقىدىن قايتۇرغان جاۋاب ئېلخەتتە: سوئالىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدۇق، ئادەتتە بەش خىزمەت كۈنىدە جاۋاب قايتۇرىمىز؛ سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىگە باشقا تارماقلارمۇ ئارىلىشىدۇ، شۇڭا جاۋاب قايتۇرۇش كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىن، دېيىلگەنىدى. ئىمزا قويغۇسى «Disneyland Ticketing» (دىسنېي باغچىسى بېلەت ئىشلىرى) دەپ يېزىلغانىدى. مۇخبىرى ئارقىدىن 8 – ئاينىڭ 15 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شاڭخەي دىسنېي ئارامگاھ رايونى ھۆكۈمەت تورى ئېلخەت ئادرېسى ئارقىلىق سۈرۈشتۈردى، لېكىن ماقالە ئېلان قىلىنغۇچە جاۋاب خەت تاپشۇرۇۋالمىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ