مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتى نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى

2019.08.16 14:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16 – ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتى نىزامى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپپارات ئىشتاتى بايلىقى مۇھىم سىياسىي بايلىق، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بايلىقى، ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتى پارتىيەنىڭ مۇھىم خىزمىتى. «نىزام»دا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى كۈچەيتىلدى، يېڭى دەۋردىكى ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتىنىڭ تۈپ مىزانى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «نىزام»نىڭ تۈزۈلۈشى ۋە يولغا قويۇلۇشى پارتىيەنىڭ ئاپپارات ئىشتاتىنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپپارات ئىشتاتىنى قانۇندا بەلگىلەشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاپپارات ئىشتاتىنىڭ خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى تەشكىلىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىكى پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ ياخشى ئىشلەپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، يانداش تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «نىزام»نىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. «نىزام»نى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش ۋە ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى «نىزام»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، «نىزام»نىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «نىزام»نىڭ مەزمۇنىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك. نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، «نىزام»دىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركەز ئاپپارات ئىشتات كومىتېتى ئىشخانىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىك قىلىپ، «نىزام»نىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «نىزام»نى ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى مۇھىم ئەھۋال ۋە تەكلىپلەرنى ۋاقتىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىگە دوكلات قىلىشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ