مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شەنشى جاۋجىن بېيلياڭ قىزىل ئارمىيە باشلانغۇچ مەكتىپى:

قىزىل گېننى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇڭلار (تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئارزۇغا ئىنتىلىش − باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن)

2019.08.15 16:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  كەنتتىكى ياشانغانلار دائىم سىلەرگە جاۋجىننىڭ ئىنقىلابىي تارىخىنى سۆزلەپ بېرىدىكەن، بۇ قىزىل زېمىن سىلەرنى پەخىرلەندۈرىدۇ ۋە ئىپتىخارلاندۇرىدۇ. سىلەرنىڭ جۇڭگو ئىنقىلابى، قۇرۇلۇشى، ئىسلاھاتىغا دائىر تارىخىي بىلىملەرنى كۆپرەك چۈشىنىپ، قەھرىمان نەمۇنىچىلاردىن كۆپرەك ئۆگىنىپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، خەلقنى قىزغىن سۆيۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئارقىلىق قىزىل گېننى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى ئېيتىپسىلەر، بۇ گەپ ناھايىتى ياخشى ئېيتىلغان. سىلەرنىڭ مىننەتدارلىق ھېسسىياتىڭلار بىلەن ۋاقىتنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە دۆلەتكە، خەلققە، جەمئىيەتكە ياراملىق كىشىلەردىن بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ___ شى جىنپىڭ

  «باش شۇجىنىڭ بىزگە بۇنداق تېز جاۋاب خەت قايتۇرۇشىنى ئويلىماپتىمەن!» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان كۆرۈنۈشنى ئەسلىگىنىدە، شەنشى ئۆلكىسى توڭچۈەن شەھىرى ياۋجۇ رايونى جاۋجىن بازىرى بېيلياڭ قىزىل ئارمىيە باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ھازىرغىچە قاتتىق ھاياجانلىنىدۇ.

  2018-يىلى 5-ئايدا، بالىلار باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئىنقىلاب تارىخىنى ئۆگىنىش تەسىراتى ۋە مەكتەپنىڭ تەرەققىيات، ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن باش شۇجى شى جىنپىڭ ساۋاقداشلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى ۋاقىتنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە دۆلەتكە، خەلققە، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  «شى بوۋامغا خەت يازايلى»

  جاۋجىن − شەنشى-گەنسۇ چېگرا رايونى ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىنىڭ مەركىزى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدا ليۇ جىدەن، شيې زىچاڭ، شى جۇڭشۈن قاتارلىق پېشقەدەم پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرى بۇ يەردە غەربىي شىمال رايونىدىكى تۇنجى تاغلىق رايون ئىنقىلابىي تايانچ بازىسى بولغان شەنشى-گەنسۇ چېگرا رايونى جاۋجىن ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىنى قۇردى. 1955-يىلى قۇرۇلغان بېيلياڭ قىزىل ئارمىيە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئەسلىي ئورنى دەل بېيلياڭ كەنتىدىكى چېنجياپو يىغىنىنىڭ كونا ئورنىغا يېقىن جايدا ئىدى.

  2000-يىلى 6-ئايدا، يولداش شى جۇڭشۈننىڭ رەپىقىسى چى شىن جاۋجىنغا كەلدى. ئۇ بېيلياڭ قىزىل ئارمىيە باشلانغۇچ مەكتىپى دەرسخانىلىرىنىڭ ئاددىي، ئەسلىھەلىرىنىڭ كونا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئائىلىسىدىكىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، بېيلياڭ قىزىل ئارمىيە باشلانغۇچ مەكتىپىنى كۆچۈرۈپ قايتا قۇرۇشقا 150 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى.

  2001-يىلى، خې شىنچۈن بېيلياڭ قىزىل ئارمىيە باشلانغۇچ مەكتىپىگە يۆتكىلىپ مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ، يېڭى مەكتەپ قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولدى. ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەينى يىلى چى شىن خانىمنىڭ پۇل ئىئانە قىلىشى بىلەن بېيلياڭ قىزىل ئارمىيە باشلانغۇچ مەكتىپى قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولدى». شۇنىڭدىن كېيىنكى 10 نەچچە يىلدا پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، قوللىشى ئارقىسىدا، مەكتەپنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى داۋاملىق ياخشىلاندى.

  يوللار قاتتىقلاشتۇرۇلدى، مەكتەپ ئاپتوموبىلى ئوقۇغۇچىلارنى ئاپىرىپ ئەكىلىدىغان بولدى، كونا ئىنقىلابىي رايوندىكى بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى ئاسانلاشتى؛ مەكتەپتە تۇرۇبا سۈيى بولغاچقا، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار پاكىز سۇ ئىچەلەيدىغان بولدى؛ يۇقىرى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتىقى بار بولدى، يەنە ئىسسىق سۇدا يۇيۇنالايدىغان بولدى؛ مەكتەپ يەنە بىر تۈركۈم ياش ئوقۇتقۇچىلارنى قوبۇل قىلدى، ھەممىسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغانلار ئىدى.

  «مەكتەپتە شۇنچە چوڭ ئۆزگىرىش بوپتۇ، بىز شى بوۋامغا خەت يازايلى!» 2018-يىلى 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، بېيلياڭ قىزىل ئارمىيە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 2- ۋە 3-يىللىقىدىكى بالىلاردا خەت يېزىش ئويى پەيدا بولدى. ئۇلار خېتىدە: «شى بوۋا، بىلەمسىز؟ بىزنىڭ مەكتەپ ھازىر بەك چىرايلىق بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىزنىڭ مەكتەپ ئالتە يىللىق تۈزۈمدىكى تولۇق باشلانغۇچ مەكتەپنى ئەسلىگە كەلتۈردى. ئەمدى بىز تۆتىنچى يىللىققا چىقىپلا ناھايىتى يىراقتىكى مەكتەپكە بارمىساقمۇ بولىدىغان بولدى»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ