ج ك پ 1-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي: يازلىق تەتىلدىكى كىچىك چۈشەندۈرگۈچىلەر

2019.08.14 16:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 13-كۈنى، ج ك پ 1- قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي خاتىرە سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى سۈن زۇڭشەن ئىش ئورنىغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان كىچىك چۈشەندۈرگۈچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، چۈشەندۈرگەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى ئەسكەرتتى.

  يازلىق تەتىل مەزگىلىدە، ج ك پ 1- قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي خاتىرە سارىيى بىلەن شاڭخەي شەھىرى خۇاڭپۇ رايونى لۇۋەن 1-مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپى ھەمكارلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىللىك ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇش، تاللاپ تەربىيەلەش قاتارلىق ھالقىلاردىن كېيىن، تۇنجى تۈركۈمدە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ سەككىز ئوقۇغۇچىسى بىرىنچى قۇرۇلتاي ئېچىلغان جايغا كىرىپ، كونا ئورۇننى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ھالقىسىدىكى كىچىك چۈشەندۈرگۈچى بولۇپ، خوشال يازلىق تەتىلگە «قىزىل» نۇر قوشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ