مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ دائىرىلىرىنىڭ شياڭگاڭغا سوزۇلغان قاراقولىنى دەرھال قايتۇرۇۋېلىشىنى ئەسكەرتىمىز، دېدى

2019.08.14 16:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسىنىڭ رەئىسى جو روڭتەينىڭ 12- چېسلا قىلغان شياڭگاڭغا چېتىشلىق سۆزلىرىگە قارىتا، گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى ما شياۋگۇاڭ 13-چېسلا سورالغان سوئالغا قارىتا مۇنداق دېدى: جو رۇڭتەي بۇ قېتىم قۇرۇق گەپ سېتىپ، شياڭگاڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ۋەقەنى ئۇلغايتىپ، شياڭگاڭنى قالايمىقانلاشتۇرماقچى بولدى؛ چوڭ قۇرۇقلۇققا تۆھمەت قىلىپ ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»نى ھاقارەتلەپ، ئارالدىكى رادىكاللارغا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، سايلام مەنپەئەتىنى كۆزلىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ.

  ما شياۋگۇاڭ مۇنداق دېدى: يېقىندا شياڭگاڭنىڭ ۋەزىيىتى مۇرەككەپ ۋە كەسكىن بولدى، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ دائىرىلىرى بۇنىڭ ئىچىدە ئىنتايىن ناچار رول ئوينىدى. بىز دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ دائىرىلىرىنىڭ شياڭگاڭغا سوزۇلغان قارا قولىنى دەرھال تارتىۋېلىشىنى، بولمىسا يامان ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرىمىز.

  ما شياۋگۇاڭ مۇنداق دېدى: مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ قەتئىي قوللىشى ئارقىسىدا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زوراۋانلىق، مالىمانچىلىقنى پۈتۈنلەي توسۇپ، تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلىيالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ