مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك مۇنبىرى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا

بەش نەپەر ئاكادېمىك سىز بىلەن پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ھەققىدە پاراڭلىشىدۇ

2019.08.14 16:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى جانلىق ئەمەلىيەت، ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، خەلق تورى، شىنخۇا تورى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك مۇنبىرى 16- ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا رەسمىي باشلىنىدۇ.

  بىرىنچى مەيدان مۇنبەردە جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيەسى بىلەن جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادىمىيەسىنىڭ بەش ئاكادىمىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پەن- تېخنىكا ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن يېڭىلىقلار، تەرەققىيات نەتىجىلىرى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشكە ھەمدە ئۆزىنىڭ كۈرەش مۇساپىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، تور ئەھلى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ.

  تەكلىپكە بىنائەن تۇنجى مەيدان مۇنبەرگە قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار تۆۋەندىكىچە: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو ئاي شارىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ تۇنجى باش ئالىمى ئوۋياڭ زىيۈەن؛ جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى جۇ جيەنپىڭ؛ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ماتېماتىكا ۋە سىستېما ئىلمى تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ياڭ لې؛ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، بوشلۇق فىزىكىسى ئالىمى، ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى دۇ شيەنكاڭ؛ جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، ئادەملىك سۇ ئاستى كېمىسى «سۇ ئەجدىھاسى»نىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى شۈ چىنەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ