مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جېجياڭ نىڭبو يۈياۋ شەھىرى خېڭكەنتوۋ كەنتى:

يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن – كۈنگە ياخشىلاندى (تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاش ئالغا ئىلگىرىلەپ ئارزۇغا ئىنتىلىش __ باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن)

2019.08.14 15:36 مەنبە: خەلق تورى

  يېزىلارنىڭ ئىشىنى ياخشى بېجىرىپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى چوقۇم ئۆزىنى كۈچەيتىشى، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى چوقۇم قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. سىلەرنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يۇرتداشلار بىلەن بىرلىكتە غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۆز ئەمەلىيىتىڭلارغا بىرلەشتۈرۈپ، ئەۋزەللىكىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ باي، مەدەنىي، ياشاشقا ماس كېلىدىغان گۈزەل يېزا – كەنت قۇرۇپ چىقىپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۈندىن – كۈنگە ياخشىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  __ شى جىنپىڭ

  «خېڭكەن، خېڭكەن، كېلەچىكى يوق». بۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى جېجياڭ نىڭبو يۈياۋ شەھىرى لياڭنۇڭ بازىرىنىڭ خېڭكەنتوۋ كەنتى ئىدى: ئۆيلىرى ئەسكى، تاغ يوللىرى ئوڭغۇل – دوڭغۇل، بىر يىلدا ئىككى پەسىل شال تېرىيدۇ، كىشىلىرى نامرات سىرتقا قاچىدۇ، كەنت كوللېكتىپىنىڭ 450 مىڭ يۈەن قەرزى بار.

  يامغۇر توختاپ ھاۋا ئېچىلغاندىن كېيىن، مۇخبىر جېجياڭنىڭ شەرقىدىكى سىمىڭشەننىڭ ئېتىكىگە جايلاشقان بۇ كونا ئىنقىلابىي رايون كەنتىگە كېلىپ، خۇددى سۇ بوياق رەسىمنىڭ ئىچىگە كىرىپ، شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان ئېرىق سۈيى كەنتنى كېسىپ ئۆتۈۋاتقاندەك ھېس قىلدى. ئاق تامغا قارا كاھىش ياتقۇزۇلغان ئولتۇراق ئۆيلەر، ياپيېشىل شاخلىرىنى كۆتۈرەلمەي قالغان مېۋىلىك دەرەخلەر، رەت – رەت تىزىلغان دۇكانلار، ئۇياق – بۇياقتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ... خېڭكەنتوۋ كەنتىنىڭ بۇلتۇرقى كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 30 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، كەنت دەرىجىلىك كىرىمى 5 مىليون 280 مىڭ يۈەن بولدى.

  2003 – يىلى چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى، ئەينى ۋاقىتتا جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان يولداش شى جىنپىڭ سىمىڭشەن كونا ئىنقىلابىي رايونىدا خىزمەتلەرنى تەكشۈردى. ئۇ مەخسۇس لياڭنۇڭ بازىرى ۋە خېڭكەنتوۋ كەنتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى يوقلاپ، «مەملىكەت بويىچە كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈشتىكى ئۈلگە بازار» قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى سەمىمىي ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئۇزاق ئۆتمەي، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى يولداش شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، خىزمەت پىلانىنى دوكلات قىلىپ، تېزلا جاۋاب خەت تاپشۇرۇۋالدى، يولداش شى جىنپىڭ ئۇلارنى كونا ئىنقىلابىي رايوننى ئېچىپ گۈللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، تېزرەك نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە ئىلھاملاندۇرغانىدى.

  2018 – يىلى 2 – ئايدا، خېڭكەنتوۋ كەنتىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ كەنتنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىنى دوكلات قىلدى. «15 يىل ئىلگىرى كەنتىڭلارغا بارغاندىكى مەنزىرە ھېلىمۇ ئېسىمدە، يۇرتداشلارنى ئىزچىل ياد ئېتىپ كەلدىم» باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىگە ئۇنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتى سىڭگەنىدى.

  بۇ ئىككى پارچە جاۋاب خەت 15 يىل پەرقلىنەتتى. خېڭكەنتوۋ كەنتىدىكى ئاھالىلەر بۇنى تىلغا ئالغىنىدا ھاياجانلىنىپ كېتەتتى.

  «ھەر قېتىم ئوقۇغىنىمدا قەلبىم ئىللىقلىققا تولىدۇ»

  «باش شۇجىنىڭ جاۋاب خېتىنى ھەر قېتىم ئوقۇغىنىمدا قەلبىم ئىللىقلىققا تولىدۇ» دېدى 73 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى خۇاڭ جىياۋ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىغا سىنچىلاپ قاراپ.

  بۇ يىلقى چۈنليەننى خۇاڭ جىياۋ «باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» دەپ ئۆزى يازغانىدى. ئوتتۇرىدىكى مىسرا «بۇ يىل تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ» دېگەنگە قاراپ، ئۇنىڭ خىيالى 16 يىل ئىلگىرىكى كۈنگە قايتىپ كەتتى. «شۇنچە ئۇزاق يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، باش شۇجىنىڭ بىزنى ياد ئېتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن. ئەينى ۋاقىتتا كەنتىمىز نامرات بولۇپ، نىشانلىق ياردەم بېرىشكە تايىناتتۇق، يولداش شى جىنپىڭ كەنتىمىزگە جېجياڭنىڭ شەرقىدىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تايانچ بازىلارنىڭ كونا ئورنىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كەلگەندە، مەن ئۇ يەرنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىدىم، ئۇ چاغدا كونا ئورۇنلار تېخى <توپلاشمىغان>، پەقەت بىرلا ئاساسىي كۆرگەزمە زالى بار خاتىرە سارىيى ئىدى».

  خېڭكەنتوۋ كەنتى قىزىل بايلىقتا ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە، ئىلگىرى جېجياڭنىڭ شەرقىدىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تايانچ بازا مەركىزى تۇرۇشلۇق جاي. خۇاڭ جىياۋ ئەينى يىلىدىكى خىزمەت خاتىرىسىنى چىقاردى: 2000 – يىلىدىن 2004 – يىلىغىچە، يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 20 مىڭ ئادەم قېتىم ئەتراپىدا ساياھەتچى كەلگەنىكەن.

  خېڭكەنتوۋ كەنتىنىڭ پارتكوم شۇجىسى جاڭ جىسەن مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭنىڭ خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە ئوتتۇرىغا قويغان تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 2003 – يىلى چاغاندىن كېيىن ئىشقا چۈشكەن تۇنجى كۈنىلا كەنت «ئىككى كومىتېت»ى يىغىن ئېچىپ مۇھاكىمە قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ خىزمەت پىلانىنى دوكلات قىلدى. ئويلىمىغان يەردىن ئۈچ كۈندىن كېيىنلا ئۇ بىزگە جاۋاب خەت يېزىپتۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ